ماڭا ئىشنىڭ، بۇ تائامنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز!!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 115117:ئادەم ئۆگەندى
   زەمبۇرۇغ موگو تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەملىك ھەم تەييارلىماق ئاسان بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان كالا گۆشىگە يۆگەلگەن جىڭجىڭگونى، ئىشىنىمەنكى ياقتۇرمايدىغان ئادەم چىقمايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   200گىرام يالپاقلاپ تەييارلانغان كالا گۆشى (خوگوخانىدىكىگە ئوخشاش)، پەمىدۇر، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك(جىڭجىڭگو)
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   پەمىدۇر قىيامى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر، سامساق چانالمىسى، غولپىياز مايسىسى چانالمىسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-

   شوخلىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، سىرتقى يۈزىنى قوشۇش شەكلىدە تىلىۋىتىمىز.
   قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ تىرىسىنى ئاجرىتىمىز.
   تىرىسىنى سويىۋىتىپ كىچىكرەك پارچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   يالپاقلاپ تەييارلانغان كالا گۆشى ئىرىگەندىن كىيىن، يۇيۇپ پاكىزلىغان جىڭجىڭگونى كالا گۆشىگە يۆگەيمىز(رەسىمدىكىگە ئوخشاش).

-2-

   قىيام تەييارلىۋالىمىز: چىنىگە بىر قوشۇق پەمىدۇر قىيامى سېلىىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق شىكەر قوشىمىز.
   100مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

-3-

   قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، چانالغان سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   توغرالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ شەربىتىنى چىقىرىمىز.
   شوخلا پۈتۈنلەي ئىرىپ شەربىتى چىققاندىن كىيىن، جىڭجىڭگونى يۆگەپ تەييارلىغان كالا گۆشى تۈرمىلىنى سېلىپ ئۈستىگە ئالدىدا تەڭشەپ تەييارلىغان قىيامنى تۆكىمىز.
   قازان قايناپ چىققاندىن كىيىن تۇۋاقنى يېپىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا 3-2مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   ئاخىرىدا ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان غولپىياز مايسىسىنى سېپىۋىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بۇ تائامدا كالا گۆشى بىلەن جىڭجىڭگونىڭ تەمىگە گەپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭغا ئىشتىھانى ئاچىدىغان چۈچۈمەل تاتلىق بولغان پەمىدۇر شەربىتى قوشۇلسا، دۈملىگەن مىفىنىڭىز يەتمەي قېلىشى مۇمكىن.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号