كۆكمۇچ بىلەن بىللە يىيىشكە بۇ يىمەكلىك ئەڭ يارىشىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 83077:ئادەم ئۆگەندى
   كۆكمۇچنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مۇچ ماددىسى مول بولۇپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە بەدەن گە قوبۇل قىلىشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوي ئۆستۈرۈشكە ۋە تەڭشەشكە، قان ماغدۇرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئۇ يەنە بەدەندىكى ياغلارنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندە مايلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇقلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. كالا گۆشى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىھتىياجىغا قوي گۆشىدىنمۇ بەكرەك ماس كىلىدىغان يىمەكلىك بولۇپ، ياغ تەركىبى تۆۋەن ئەمما ئاقسىل ۋە ئامىنو كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى. شۇڭا، كالا گۆشىنىڭ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئىنىرگىيە ۋە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى.
    كالا گۆشى بىلەن كۆكمۇچ، ئەڭ ياخشى "ھەمراھ"لاردىن بولۇپ، مۇچ كالا گۆشىنىڭ غەلىتە پۇرىقىنى يوقىتالايدۇ؛ كالا گشۆى بولسا، مۇچنىڭ تەمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆكمۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسى، قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىدىغان مۇھىم مادد بولۇپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ  قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كالا گۆشى كۆكمۇچ قورىمىسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددى قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كالا گۆشى مۇچى قورىمىسى
   1. كالا گۆشىنى نىپىز قىلىپ توغراپ، قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە جىياڭيۇ، كۈنجۈت مېيى، ۋە ئاز مىقداردا ھۆللەنگەن كىراخمال قوشۇپ، مۇجۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 15 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   2. كۆكمۇچنى يانتۇ ھالەتتە توغرايمىز، سامساقنى چاناپ توغرايمىز، زەنجىۋىلنى بولسا قەلەمچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، ئالدى بىلەن سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن كالاگۆشىنى سېلىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى ئوتتا قورۇيمىز(چۈمۈچتە كالا گۆشىنى بىر-بىرىدىن ئاجرىتىۋىتىش كىرەك، بولمىسا چاپلاشقان پېتى تۇرۋالىدۇ)؛ كالاگۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، كۆكمۇچنى سېلىپ، تىز سۈرئەتتە مالتىلاپ ئازراق قۇرۋەتكەندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号