كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5734:ئادەم ئۆگەندى
    ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتامىن، مىكرو مىنرالنى ئىلمىنتلار قاتارلىقلارنى تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە تېخى ئۈچەي يوللىرىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر يىنىك دەرىجىدىكى ئىچى سۈرۈش كۆرۈلگەندە، ئازراق ئالما يەپ بەرسە ئىچى سۈرۈشنى توختاتقىلى بولىدۇ. بىراق، ئادەتتە ئالما ئىستىمال قىلىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش لازىم بولۇپ، ئالمىنى ئەتىگىنى يىسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۇنداقتا، كەچتە ئالما يىسە بولامدۇ يوق؟ كەچ تەرەپتە قايسى يىمەكلىكلەرنى يىيشىكە ماس كەلمەيدۇ؟
    كەچتە ئالما يىسە ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ؟
    ئالما گەرچە تەبىئىتى مۆتىدىل ھەم كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرىمىز دىسەك، ئۇنداقتا توغرا ۋاقىتنى تاللاپ ئسىتىمال قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئادەتتە، ئالمىنى ئەتىگىنى ئىستىمال قىلسا ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئىنىرگىيە تۇلۇقلايدۇ ھەمدە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش يۈكىنى ئاشۇرۋەتمەيدۇ. ئەگەر كەچ تەرەپتە ئالما يىسەك، بۇ ۋاقىتتا ئالما ئاشقازاننى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپتۇرىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا، كەچلىرى بالدۇر ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئاشقازىنىغا ئازدۇر-كۆپتۇر زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئالمىنىڭ تەركىبىدە يىمەكلىك تالا ماددىسى، يىرىك تالا ماددىسى ۋە مىۋە كىسلاتاسى نىسبەتەن مول بولغاچقا، ئاشقازان ئۈچەيگە قارىتا غىدىقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا كەچلىرى تاماق ئاسان ھەزىم بولماسلىق قوشۇلۇپ، ئاشقازان ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    كەچتە يىيىشكە ماس كەلمەيدىغان يىمەكلىكلەردىن يەنە قايسىلار بار؟
شاكىلات
   شاكىلات، نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ئۇششاق يىمەكلىك بولۇپ، ئىنىرگىيە تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى خۇشال قىلالايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇملۇق، ئادەتتە كەيپىياتىمىز تۆۋەن ۋاقىتتا، ئازراق شاكىلات يەپ بەرسەك، شاكىلات تەركىبىدىكى ئالاھىدە ماددىلار مىڭىمىزنى ئارام ئالدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، كەچ تەرەپتە شاكىلات يىيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى، شاكىلات تەركىبىدە كوففىئىن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئادەم مىڭىسىنىڭ سەگەك ياكى ھاياجانلىق ھالەتنى ساقلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كەچلىك ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
سېرىق پۇرچاق
   سېرىق پۇرچاقنىڭمۇ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق ئىزوفلاۋون، مىكرو ئىلمىنتلار ۋە ئۆسۈملۈك ئاقسىللىرى بار؛ شۇڭا، ئاقسىل تۇلۇقلىماقچى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، سېرىق پۇرچاقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ. بىراق، سېرىق پۇرچاق ئاسانلا بىر خىل گاز قويۇپ بىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرقەدەر ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ھەزىم بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ھەمىشە كەچ تەرەپلىرى سېرىق پۇرچاق ئىستىمال قىلسا، قوساق ئىسىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى كەچ تەرەپلىرى سېرىق پۇرچاق ئسىتىمال قىلمىغان ياخشى.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号