ئۇنتۇلغۇسىز تەم—كالا گۆشى موگو قورىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 75544:ئادەم ئۆگەندى
   كالا گۆشى موگو قورىمىسى ئىنتايىن تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، يۇمران قورۇلغان كالا گۆشى، ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان دوستلارغا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ. قاراشقىلا تەملىكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان قورۇما ئىشتىھارىڭىزنى ئېچىپ، بىردەمدىلا ئىككى قاچا مىفەن يەۋىتىسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   كالا گۆشى، موگو، غولپىياز مايسىسى، سامساق، زەنجىۋىل
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    يىمەكلىك مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، شىكەر، كىراخمال
ماتىريال تەييارلاش
    كالا گۆشىنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ موگونىڭ غول قىسمىنى كىسىۋىتىپ، ئۈستىنى قوشۇش شەكلىدە تىلىۋىتىمىز؛ زەنجىۋىل ۋە سامساقنى ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛

Step 2
    تەييارلىغان موگو بىلەن غولپىياز مايسىسىنى سالغاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تېتىقۇ، بىر قوشۇق شىكەر ۋە تۇز قوشۇپ، موگونىڭ رەڭگى ئۆزگەرگىچىلىك تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛

Step 3
   قازانغا، موگۇ چۆكۈشكىچىلىك ھالدا قايناقسۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يىپىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا بەش مىنۇت قاينىتىمىز؛

Step 4
   بۇ ۋاقىتتا كالا گۆشىنى تۇزلاپ تەييارلىۋالىمىز؛ ئۈستىگە بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز ۋە شىكەر، بىر كىچىك قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، ئىككى قوشۇق كىراخمال، مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ، قولىمىزدا تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

Step 5
   موگونى قازاندىن ئۇسۇپ ئېلىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛ قازاننى يۇۋىتىپ ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، تۇزلاپ تەييارلىغان كالا گۆشىنى سېلىپ، گۆش سارغايغىچىلىك قورۇيمىز.

Step 6
   گۆش سارغايغاندىن كىيىن بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، ئالدى بىلەن سامساق ۋە غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز(بەك ئۇزۇن قويماڭ)، كەينىدىن موگونى سالىمىز.

Step 7
   كەينىدىن بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز ۋە شىكەر، مۇۋاپىق مىقداردا تېتىتقۇ ۋە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ، چوڭ ئوتتا قورۇيمىز.

Step 8
   ئازراق كىراخمال سۈيى قوشۇپ قورىۋەتكەندىن كىيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号