ئاچچىق كالا گۆشى قورىمىسى، تەملىكلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 73322:ئادەم ئۆگەندى
    ئىلگىرى تاماق يىگۈم كەلمەي قالغان ۋاقىتلاردا، بىر تەخسە ئاچچىق كالا گۆشى قورىمىسى قورۇپ، ئىشتىھارىمنى قوزغىتاتتىم. يۇمشاق قورۇلغان كالا گۆشى، يۇمغاقسۈتنىڭ تەمى بىلەن ئارىلىشىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى شۇ ھامانلا ئېچىۋىتەتتى.
كىتەرلىك ماتىريال
    كالا گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، قاقمۇچ، يۇمغاقسۈت
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، قارىمۇچ، تېتىتقۇ ھارىقى، كىراخمال، توخۇ تەم جەۋھىرى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    ئالدى بىلەن كالا گۆشىنى نىپىز يالپاقلاپ توغرىۋالىمىز.
Step 2
   توغراپ تەييارلىغان كالا گۆشىگە بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق كىراخمال، تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ قوشۇپ، قولىمىزدا مۇجۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئون مىنۇت قويۇپ تۇزلايمىز.
Step 3

    قازانغا مۇۋاپىق  مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، زەنجىۋىل ۋە سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، كەينىدىن تۇزلاپ تەييارلىغان كالا گۆشىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا مالتىلاپ قورۇيمىز.
Step 4

    رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، قاقمۇچنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، بىر قوشۇق تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا توخۇ تەم جەۋھىرى سېلىپ، چوڭ ئوتتا كالا گۆشىگە رەڭ كىرگۈچە قورۇيمىز.
Step 5
    ئاخىرىدا يۇمغاقسۈتنى سېلىپ، نەچچە مالتىلىۋەتكەندىن كىيىن قاچىغا ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.
Step 6
    ئەگەر يۇمغاقسۈتنى ياقتۇرمايدىغان دوستلار بار بولسا، ئورنىغا كەرەپشە ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا تەملىك چىقىدۇ.

ئۇن كەتمەيدىغان كالا گۆشى قاتلىمىسى

كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي كالا گۆشىدىن كۇمىلاچ قات

ئاچچىق تەملىك توشقان گۆشى قورىمىسى

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە توشقان گۆشى قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورىمىزنىڭ تەمى ئاچچىق-چۈچۈك ھەم مەززىلىك بولۇپ، ئازراقلا يەپ

كالىنىڭ بۇ يىرى ئەڭ تەملىك كىلىدۇ ھەم سەمىرىتمەيدۇ

ئۇرۇقلايمەن دەپ كۈندە ئوت-چۆپ يەپ ئۆتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى تەملىك ئەمما ماي تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بو

قىزارتىپ قورىلغان كالا قويرىقى قورىمىسى

خام ماتىريالى:كالا قويرىقى1دانە،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك5تۇپ، سۇيېغى تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، ،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاك

ئۆرۈك مېغىزى تەملىك سەدەپ يانقۇلىقى گۆش قورۇمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشىنى نېپىز يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سىلكىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەن

بېلىق تەملىك گۆش قۇرىمىسى

خام ماتىريالى؛كالاگۇشى،سەۋزە1تال،قاراقېرىنقۇلاق،كوكمۇچ،غولپىياز ، سامساق،زەنجىۋىل, كىراخمال تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،جاڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号