بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، نىلوپەر ياپرىقىغا ئوراپ پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ تائامنى تەييارلاش ئاسان، ئەمما ئۇنىڭ تەمى ئۇزۇنغىچە ئىسىڭىزدىن چىقمايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
بىر پۈتۈن توخۇ، زەنجىۋىل، غولپىياز، گۈمبەمەدەك، نىلوپەر ياپرىقى(荷叶)
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىرياللىرى
يىمەكلىك مېيى، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
Step 1
پۈتۈن بىر گۆش توخىسى تەييارلاپ، ئىككى يان تەرىپىگە ئىككى قوشۇق تۇز سېپىمىز.

ئۈچ قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى تۆكىمىز.

قەلەمچە ھالىتىدە توغرالغان زەنجىۋىل بىلەن ئۇزۇنچاق بۆلەك ھالىتىدە توغرالغان غولپىياز مايسىسىنى سېلىپ، ئالدىدا قۇيغان جىياڭيۇ بىلەن تۇزنى تەكشى سۈرۈيمىز؛ توخۇنىڭ قورساق قىسمىغىمۇ سۈرۈيمىز، ھەمدە توخۇنى مۇشۇ ھالەتتە 5 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋلايمىز.
ئۈستىگە بىر قەۋەت يىڭى ساقلاش پىلاستىرى يېپىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ئاخشام قويىمىز.

Step 2
ئىككىنچى كۈنى، توخۇنى رەسمى پىشۇرۇشتىن ئاۋال، گۈمبەمەدەكنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ قويىمىز.

بىر قازان سۇ قاينىتىپ، ئىككى پارچە نىلوپەر ياپرىقىنى قازانغا سېلىپ، 10-5 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ يۇمشىتىمىز.

Step 3
توخۇنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، يىڭى ساقلاش پىلاستىرىنى ۋە توخۇ ئۈستىدىكى زەنجىۋىل غولپىيازلارنى ئېلىۋىتىمىز.

توخۇنىڭ قورسىقىغا ئالدىدا چىلاپ قويغان گۈمبەمەدەكنى تىقىمىز.

نىلوپەر ياپرىقى بىلەن توخۇنى ئورايمىز؛ ئېقىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نىلوپەر ياپرىقىدا ئىككى قەۋەت ئورايمىز.

شوينا بىلەن چىڭ باغلىۋىتىمىز.

Step 4توك قازىنىنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت ماي سۈرىيمىز.

تىگىگە بىر قەۋەت غولپىياز مايسىسى ياتقۇزىمىز.

ئوراپ تەييار قىلغان توخۇنى سېلىپ، ئېغىزىنى يېپىپ دۈملەشكە قويمىز؛ توڭ قازىنىنىڭ ۋىكلىيۇچاتىلى سەكرىگەندىن كىيىن، ئېغىزىنى ئېچىپ، توخۇنىڭ ئاستى تەرپىنى ئۈستىگە ئۆرۈپ، يەنە بىر قېتىم پىشۇرساق بولىدۇ.
Step 5
ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، توك قازىنىنىڭ ئېغىزىنى ئاچساق، نىلوپەر ھەم توخۇ گۆشىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن مەززىلىپ پۇرىقى تارقىلىپ چىقىدۇ؛ بۇ بۈگۈنكى تائامىمىز—نىلوپەر ياپرىقىغا ئورالغان توخۇ كاۋىپىنىڭ تەييار بولغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.
Step 6
بۇ تائامنى تەييارلاشتا يىڭى گۆش توخۇسى تاللاش لازىم. يەرلىك توخۇنىڭ گۆشى بەك قاتتىق بولۇپ، پىشماي قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھازىر بازاردا نىلوپەر ياپرىقى تاپماق سەل تەس، ئەمما توردا كەڭرى؛ شۇڭلاشقا بۇ تائامنى تەييارلاپ تېتىپ بولماقچى بولغان دوستلار، ئالدىنئالا توردىن نىلوپەر ياپرىقى ئەكەلدۈرۈشى كىرەك.