بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44514:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللىكنى تۈگىتىپ قان تۇلۇقلايدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تەمى ئىنتايىن مىزىلىك!!!
كىتەرلىك ماتىريال
    ئۆردەك گۆشى
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىرياللىرى
     تېتىتقۇ ھارىقى، خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، كۈنجۈت مېيى، قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، تۇز
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    ئاۋال ئۆردەك گۆشىنى سۇدا بىر قاينىتىۋالىمىز؛ ئۆردەك گۆشىنى كىچىكرەك قىلىپ توغرىغاندىن كىيىن، سۇغۇق سۇ قۇيۇلغان قازانغا سېلىپ، ئازراق ياپراقچە ھالىتىدە توغرالغان زەنجىۋىل ۋە ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى(ئۆردەك گۆشىدىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىشقا پايدىلىق) قوشۇپ قاينىتىمىز ھەمدە قاينىغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
Step 2
قۇم قازاندىن بىرنى تەييارلاپ، يېرىم چىنە كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ قىزىتىمىز، ھەمدە زەنجىۋىلنى كۆپرەك سېلىپ، كۈنجۈت مېيى بىلەن داغلاپ تەمىنى چىقىرىمىز؛ زەنجىۋىل داغلىنىپ، رەسىمدىكىدەك كۈيۈك سېرىقى رەڭگىگە كەلگەن ۋاقىتتا سۈزۈپ ئېلىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر چەتتە قويۇپ قويىمىز.
Step 3
     قاينىتىپ ئالغان ئۆردەك گۆشىنى سۇدا بىر چايقاپ يۈزىگە چاپلىشىۋالغان موزىلىرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن قۇم قازانغا سېلىپ، يۈز قىسمىدا سۇس كۈيۈك رەڭگى پەيدا بولغان ۋە پۇرىقى تارقىلىپ چىقىشقا باشلىغان ۋاقىتقىچە مالتىلاپ قورۇيمىز.
    كەينىدىن، ئۈچ قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ قوشقاندىن كىيىن، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن ۋە ئالدىدا سۈزۈپ ئېلىپ قويغان داغلانغان زەنجىۋىلنى قوشىمىز.
    قۇم قازانغا ئۆردەك گۆشى پۈتۈنلەي چىلاشقۇچىلىك سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، كىچىك ئوتتا بىر سائەت دۈملەپ پىشۇرۇمىز.
Step 4
    ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا قاراپ تۇزىنى تەڭشەپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号