دالا توخۇ قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
7 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 164114:ئادەم ئۆگەندى
  خام ماتېرىيالى: تۇخۇ1دانە ،بەرەنگە2دانە(ياڭيۇ)سۇماي، كۆك -قىزىل مۇچ2دانە ،غولپىياز1دانە ،سامساق 10چىش ، زەنجىۋىل 


  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ،كاۋاۋىچىن،شاكال بەدىيان،ئادەمگىياھ،ئارپىدىيان ، قاقىلە، قۇۋزاق داچىن ،لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ،ئاقمۇچ ،شېكەر. ،چانالغان قىزىلمۇچ ،قىزىلمۇچ قىيامى.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇنى ياڭاق چوڭلۇقىدا چانايمىز،بەرەنگىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كۆك -قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللەرنى يالپاق توغرىۋالىمىز.

 
قۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا بىرچۇمۇچ ماي قۇيۇمىز. ئۇچ قوشۇق شېكەر سېلىپ ئارلاشتۇرۇمىز شېكەر ئېرىپ قىزىل كۇپۇكچىلەر چىققاندا تەييارلانغان توخۇنى سېلىپ قورۇيمىز ،توخۇ قىزارغاندا چانالغان قىزىلمۇچ ،قىزىلمۇچ قىيامى سېلېپ  تۇز ،كاۋاۋىچىن،شاكال بەدىيان،ئارپىدىيان ، ئادەمگىياھ ،قاقىلە، قۇۋزاق داچىن ،لاچىندانە ئاچچىق قىزىلمۇچ ،غولپىياز،سامساقلارنى ئارقىمۇ_ئارقا سلېپ بىر –ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قۇرۇپ توخۇ چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا 15مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز بەرەنكە پىشقاندا توخۇ  پىشىدۇ . كۆك -قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساقلارنى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئىستېمال قىلىمىز. 

ئەسكەرتىش: ئەگەر يەرلىك توخۇ بولسا توخۇ قۇرىغاندا بەرەنگىنى سالماي توخۇ پشىشقا ئازقالغاندا سالىمىز. بولمىسا بەرەنكە ئېزىلىپ كېتىپ ئەجرىڭىز بىكار بولىدۇ .مۇمكىن بولسا چانالغان توخۇنى قۇرىشتىن بۇرۇن بىر قاينىتۋەتكەن ياخشى سىناپ بېقىڭ .
 

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号