چۈجە خوراز قورۇمىسى 爆炒小公鸡
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 63266:ئادەم ئۆگەندى

   خام ماتېرىيالى: توخۇ، قۇرۇتۇلغان كىچىك قىزىلمۇچ، غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، ياغ، كىراخمال 

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،تېتىتقۇ،توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاقمۇچ، بىرىكمە تېتىتقۇ، قىزىلمۇچ چانالمىسى، قىزىلمۇچ يېغى 
    تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن توخۇنى پاكىز يۇيۇپ توخۇنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ پارچىلاپ  ئاندىن گۇلە چوڭلۇقىدا ئۇششاق توغرىۋالىمىز. غولپىياز ، زەنجىۋىل،كىچىك قىزىلمۇچلارنى ئۇششاق  توغرىۋالىمىز.
بىر قاچىغا توخۇنى ئېلىپ، كىراخمال،  تۇز،تېتىتقۇ،توخۇ تەم جەۋھىرى،ئاقمۇچ، بىرىكمە تېتىتقۇ،كاۋاۋىچىن ،قاتارلىقلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ توخۇنى سېلىپ تەملەندۇرۋالىمىز.
   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ياغ قۇيۇپ ياغ قىزىغاندا توخۇنى قازانغا سېلىپ سارغايغاندا سامساقنى پۈتۈن سېلىپ  مايدىن ئۆتكۈزۈپ چويلىغا توكۇپ ياغدىن سۇزىۋالىمىز.
قازانغا ئازراق قىزىلمۇچ يېغى قۇيۇپ غولپىياز، زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ چانالمىسى سېلىپ مەززىلىك پۇراق چىققاندا توخۇنى سېلىپ قۇرۇپ تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، بىرىكمە تېتىتقۇ، سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قۇرۇپ بىر چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ تەمىنى تېتىپ ھۆل كىراخمال شىرنىسى بېرىپ تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە توغرالغان كىچىك قىزىلمۇچنى چېچىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ 
  شىپالىق رولى: توخۇ گۆشى. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر دەرىجىدە چارچاش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەپسىلىي  ئۇسۇلىنى تۆۋەندىكى فېلىمدىن كۆرۈڭ !

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号