ئېنېرگىيە تولۇقلاشتا نىلوپەر قوشۇپ دۈملەنگەن توخۇ گۆشى ياخشى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 293483:ئادەم ئۆگەندى
   بۇ نەچچە كۈندە تىمپۇراتۇرا يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى. سوغۇق كۈندە ئىسسىق قۇۋۋەت تائاملىرىنى يەپ بەدەنگە ئېنىرگىيە تولۇقلاش كېرەك بولۇپ، بۇنىڭدا ئاندىن سوغۇقتىن قورقۇپ قالمايمىز. قىشتا قۇۋۋەت ئېنېرگىيە تۇلۇقلاشتا، كالا-قوي گۆشى ئالدىن تاللاش، لېكىن باھاسى نىسبەتەن قىممەت؛ بۇ سەۋەبلىك، ئادەتتە قۇۋۋەت ئېنېرگىيە تولۇقلاشتا، توخۇ گۆشىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلساقمۇ بولىدۇ.
   توخۇ گۆشى ئۆزى يىيىشلىك بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى مول؛ توخۇ گۆشى يۇمران، تەملىك، بەدەنگە قۇۋۋەت ئېنېرگىيە تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى. بەزىبىر بەدىنى ئاجىز ئاياللار ۋە ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلار، ئادەتتە توخۇ گۆشىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈش، ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. تۇرمۇشتا توخۇ گۆشىنىڭ يىيىش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە نىلوپەر غولى قوشۇپ دۈملەنگەن توخۇ گۆشى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ ئىككى خىل يېمەكلىك بىرلەشسە، ئۇزۇقلۇق تەركىبى تېخىمۇ تولۇق بولۇپ، قېرى-ياش ھەممەيلەنگە ماس كېلىدىغان تائام بولىدۇ.
خام ماتېرىيالى
   توخۇ گۆشى، نىلوپەر غولى، قىشلىق موگو
تەم خۇرۇچلىرى
   زەنجىۋىل، غولپىياز، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شېكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قىشلىق موگونى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   2. نىلوپەر غولىنىڭ پستىنى سويۇۋىتىپ پاكىزە يۇيۇپ توغراپ تەييارلايمىز؛ زەنجىۋىلنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ توخۇ گۆشىنى چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق ھالدا توغراپ تەييارلايمىز.
   3. توخۇ گۆشىنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر قوشىمىز.
   4. توخۇ گۆشى بىلەن قوشقان تەم خۇرۇچلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، 30 مېنۇت قويۇپ قويىمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   5. قازان ئېسىپ ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ توخۇ گۆشىنى سېلىپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ قورۇلۇپ يېغىلغۇچە قورۇيمىز.
   6. كەينىدىن موگو بىلەن نىلوپەر غولىنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورىغاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىپ 20مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ ئاخىرىدا ئازراق تۇز قوشۇپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن،  غولپىياز مايسىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

   توخۇ گۆشى ۋە نىلوپەر غولىنىڭ ئەسلىدىلا سۇ تەركىبى بار، بۇندىن باشقا توخۇ گۆشىنى تۇزلاش جەريانىدىكى قىيام شەربەتلەر قوشۇلۇپ، ئاخىرىدىكى دۈملەش باسقۇچىدا قازانغا سۇ قۇيمىساقمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇۋاقنى يېپىپ دۈملىگەن بولغاچقا، قازان ئىچىدىكى سو ھورلىرى سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي، قازان ئىچىدە قايتا سۇ تەركىبىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن، چوقۇم كىچىك ئوتتا دۈملەش كېرەك؛ بولمىغاندا، كۆيۈپ قازانغا چاپلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号