بۇ تائامدا يانفون ئېكرانى ئايرىپ تۇرسىمۇ شۆلگىيىڭىز ئېقىپ كېتىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 70324:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەممە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلايدىغان توخۇ قازان كاۋىپى تونۇشتۇرىمىز؛ يۇمران توخۇ گۆشىنى، ئالاھىدە تەڭشەلگەن قىيام بىلەن ماسلاشتۇرساق، تەمى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردىن قېلىشمايدۇ.
خام ماتېرىيالى
   توخۇ، غولپىياز، زەنجىۋىل، لىمون، قىزىل پىياز، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى
   شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، چىيۈ جىياڭيۇسى(豉油)، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، تېتىتقۇ ھارىقى، ناۋات
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   خام ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن قىيام تەييارلىۋالىمىز: قاچىغا چىيوۋ جىياڭيۇسىدىن 200گىرام، سۇ 200گىرام، بىر قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئۈچ قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، 30گىرام ناۋات سېلىپ، قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
 
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
 
-2-
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان زەنجىۋىل ۋە قىزىل پىيازنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، توخۇنى سېلىپ كىچىك ئوتتا، توخۇ يۈز قىسىم تىرىسى سارغايغىچىلىك ئاستا-ئاستا داغلايمىز.
  ئالدىدا تەڭشەپ تەييارلىغان قىيامنى قازانغا قۇيىمىز، توخۇ يېرىم چۆكۈشكىچىلىك قۇيىمىز؛ چۆمۈچ بىلەن قىيامنى پۈتكۈل توخۇ يۈزىگە تولۇق يۇقتۇرىمىز. كەينىدىن، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، غولپىياز قاتارلىقلاردىن قوشۇپ، قازان قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ ھەمدە تۇۋاقنى يېپىپ 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇمىز؛ ئوتتۇرىلىقتا، ھەر بەش مىنۇتتا توخۇنىڭ ئاستى ئۈستى تەرىپىنى ئۆرۈپ ئالماشتۇرۇپ قويىمىز.
-3-
   ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، كىچىك ئوتتا سۈيىنى قاينىتىپ تۈگىتىمىز؛ قازاندا ئېشىپ قالغان قىيامنى داۋاملىق ھالدا چۆمۈچتە ئۇسۇپ توخۇنىڭ يۈز قىسىمىغا تولۇق سېپىمىز؛ توخۇ گۆشىگە رەڭ كىرگەندىن كېيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ سۇۋىتىمىز.
   بۇ ۋاقىتتا، توخۇ گۆشىنى چىلاپ يەيدىغانغا قىيام تەييارلايمىز: قاچىغا ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى ۋە زەنجىۋىل چانالمىسى سېلىپ، ئۈستىگە چىيوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، نەچچە تامچە لىمون شەربىتى قوشىمىز.
   پىشقان توخۇنى ئازراق قويۇپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، ئۆزىمىزنىڭ خاھىشى بويىچە توغراپ داستىخانغا ئېلىپ چىقساق بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号