لازىجىنى بۇ ئۇسۇلدا تەييارلىسىڭىز، رېستورانلاردىكىدىن قېلىشمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 67566:ئادەم ئۆگەندى
   لازىجى، شىنجاڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلارنىڭ ئالاھىدە تائاملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سىرتى چۈرۈك ئىچى يۇمران، ئاچچىق ھەم يىيىشلىك كېلىدۇ. نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار گەرچە لازىجىنى ئۆيدە تەييارلاپ يەپ باققان بولسىمۇ، ئەمما سىرتتىكى تاماقخانىلاردىكىدەك ئۇنداق تەملىك چىقىرالمىغان. بۇ سەۋەبلىك، بۈگۈن كۆپچلىكنىڭ دىققىتىگە لازىجى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بىز تونۇشتۇرغان بۇ ئۇسۇل بويىچە تەييارلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدىمۇ سىرتتىكى تاماقخانىلارنىڭكىدىن قېلىشمىغۇدەك تەملىك لازىجى يىيەلەيسىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: توخۇ پۇت گۆش، قاقمۇچ، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، سامساق، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى، ئاق كۈنجۈت، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، خاسىڭ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن، يىڭى بولغان توخۇ پاچىقىنى تاللاپ سېتىۋالىمىز؛ ئەمەلىيەتتە توخۇ تۆش گۆشىنى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما پۇت گۆش تېخىمۇ يۇمران بولغاچقا، لازىجى تېخىمۇ تەملىك چىقىدۇ. توخۇ گۆشىنى سۇدا بىر چايقىۋەتكەندىن كېيىن، كىچىكرەك توغراپ تەييارلايمىز.
   چوڭراق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، توغرىغان توخۇ گۆشىنى سالىمىز؛ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تېتىتقۇ ھارىقى، جىياڭيۇ، تۇز، زەنجىۋىل تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، قاچىنىڭ ئېغىزىنى يېڭى ساقلاش پىلاستىرى بىلەن ھىم ئوراپ، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىدا ئىككى سائەت قويىمىز.
   ۋاقىت توشۇپ توخۇ گۆشىگە تەم كىرگەندىن كېيىن، قازاننى ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز ھەمدە توخۇ گۆشىنى قازانغا سېلىپ داغلايمىز. بۇ جەرياندا، قازاندىكى گۆشنى چۈمۈچ بىلەن مالتىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، بۇنىڭغا ئاندىن تېخىمۇ تەكشى داغلىنىپ، گۆشنىڭ كۈيۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. توخۇ گۆشى داغلىنىپ سرتقى يۈزى سارغايغاندىن كېيىن، توخۇ گۆشىنى سۈزۈپ ۋە ماينى تۇلۇق ساقىتىۋىتىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، چانالغان سامساق، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن داغلاپ تەييارلىغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز، ئەگەر رەڭگى دېگەندەك قىزارمىغان بولسا، ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئاخىرىدا، مايدا داغلانغان خاسىڭدىن ئازراق قوشۇپ، بىر سىقىم ئاق كۈنجۈت سېپىۋەتكەندىن كېيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号