توخۇ گۆشى بىلەن موگونى دۈملەپ پىشىرۇپ يەپ بېقىڭ، ئوخشايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 64973:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كىتىپ بارغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر غىزالىنىش جەھەتتە، تائامنىڭ تەمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، تائامنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگىمۇ ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولدى. كۈتۈنۈش تىلغا ئېلىنغاندا، گۆش تۈرى بىلەن كۆكتات تۈرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش لازىم بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، مىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم، يەنىلا توخۇ گۆشىدۇر.
   توخۇ گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشىمۇ يۇمران؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، توخۇ گۆشىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قۇۋۋەت ماغدۇر تۇلۇقلاپ كۈتۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئادەتتە، توخۇ گۆشىدە شورپا سېلىپ ياكى قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ؛ لىكىن مىنىڭچە، دۈملەپ پىشىرۇشمۇ يامان ئەمەس بىر ئۇسۇل بولۇپ، موگو بىلەن قوشۇپ دۈملەپ پىشۇرساق، تەملىك ھەم سىرتقى كۆرۈنىشىمۇ بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سۇ يېغىدىغان تائام تەييار بولىدۇ.
   توخۇ گۆشى بىلەن موگۇنى قوشۇپ دۈملەشتە، بەزىبىر قەدەم باسقۇچلارغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بۇ خىل تائامنى تەييارلاش قەدەم باسقۇچلىرىنى، ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بىرىنچى قەدەمدە، موگونى سۇغۇق سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىپ ۋە يۇيۇپ پاكىزلاپ، پارچە ھالەتتە توغرا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز. توخۇ گۆشىنى نورمال چوڭ-كىچىكلىكتە توغرا تەييارلايمىز.
كەينىدىن داستىن بىرنىڭغا توخۇ گۆشىنى سېلىپ، ئۈستىگە توغرالغان زەنجىۋىل، تۇز، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، قارىمۇچ، كىراخمال قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۈستىگە يەنە ئازرام ماي قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 20 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، 20مىنۇت ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، توخۇ گۆشىنى چوڭراق تەخسىگە ئېلىپ تەكشى يېيىلتىمىز، ئۈستىگە توغرالغان موگونى قوشۇپ، موگونىمۇ تەكشى يېيىلتىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، تەخسىدىكى يىمەكلىك ماتىريالىنى دۈملەش قازىنىغا سېلىپ 12مىنۇت دۈملەيمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، توخۇ گۆشى دۈملىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان غولپىياز مايسىسىدىن ئازراق سېپىۋەتسەكلا يىيىشنى باشلىساق بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号