بۇ قورىمىنى دائىم يىسىڭىز پۇت-قولىڭىز مۇزلىمايدىغان بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 74831:ئادەم ئۆگەندى
   كۈزدىكى زىجىياڭ(仔姜) ئەڭ يىڭى ھەم سۈپەتلىك بولۇپ، كۈزدە يىڭى چىققان زىجىياڭ قوشۇپ تەييارلانغان ئۆردەك گۆشى دۈملىمىسى كۈز كۈنىدىكى ئەڭ قۇۋۋەتلىك تائاملارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ؛ ئۆردەك گۆشىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولغاچقا، كۈزنىڭ قۇرغاقچىلىقىنى ھەيدەپ، بەدەنگە ماغدۇر تۇلۇقلايدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   ئۆدەك گۆشى، زىجىياڭ، پىۋا
خۇرۇچ ماتىريالى
   پۇرچاق بوتقىسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ناۋات، تېتىتقۇ، تۇز، پىۋا، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، غولپىياز، زەنجىۋىل
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-

   ئۆدەك گۆشىنى سۇغا چىلاپ تەركىبىدىكى قان سۇلىرىنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، زىجىياڭنى ياپراقچە قىلىپ توغرايمىز، يەنە ئازراق كۆكمۇچ ۋە قىزىلمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز؛
   ئۆردەك گۆشىنى ئالدى بىلەن سۇدا قاينىتىۋالىمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۆدەك گۆشىنى سالغاندىن كىيىن، ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، غولپىياز ۋە زەنجىۋىللەرنى سېلىپ، ئوتنى يېقىپ چوڭ ئوتتا سۇنى قاينىتىمىز؛ سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن، سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
 
-2-

   قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى قورۇپ، ئۆدەك گۆشى تىرە ئاستىدىكى ياغلارنى ئىرىتىپ چىقىرىمىز؛ بۇنىڭدا تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ ھەمدە كۆڭۈلنىمۇ ئاينىتمايدۇ.
   ئۆدەك گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزى سارغايغاندىن كىيىن، توغرالغان غولپىياز، زەنجىۋىلنى سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، يېرىم قۇشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق تۇز، ئازراق ناۋات قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆردەك گۆشىگە تەم ۋە رەڭ كىرگۈزىمىز.
 
-3-

    ئۆدەك گۆشىنى قورۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى قۇم قازىنىغا تۆكۈپ، ئۆدەك گۆشى پۈتۈنلەي چىلاشقىچىلىك پىۋا قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كىيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 40مىنۇت دۈملەيمىز.
    ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، ئالدىدا توغراپ تەييار قىلغان زىجىياڭنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ يەنە بەش مىنۇت دۈملەيمىز؛
    ئاخىرىدا توغرالغان قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچتىن ئازراقتىن قوشۇۋەتكەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号