ئابدۇللا ئۇستام توخو قوردىقى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 64745:ئادەم ئۆگەندى

 خام ماتىرىياللار :   يەرلىك تۇخۇ، بەرەڭگە، كۆك مۇچ، قىزىل مۇچ، زەنجىۋىل، سامساق، غول پىياز.

تەم خۇرۇچلىرى:  تۇز، تېتىتقۇ، ئاق شېكەر،  تۇخۇ تەم جەۋھىرى، پەمىدۇر قىيامى، ئابدۇللا ئۇستام تۇخۇ قوردىقى تېتىتقۇسى. 
تەييارلاش ئۇسۇللىرى: تۇخۇنى ئوتتۇردىن پارچىلىۋېلىپ ياڭاق چوڭلىقىدا تەكشى پارچىلايمىز، بەرەڭگىنىمۇ ئوخشاشلا ياڭاق چوڭلىقىدا تەكشى توغرايمىز، كۆك قىزىل مۇچلارنىمۇ ئوخشاش چوڭلۇقتا  توغرىۋالىمىز، غول پىيازنى ياپىلاق شەكىلدە توغرايمىز، زەنجىۋىل ۋە سامساقلارنىمۇ ئوخشاشلا ياپىلاق شەكىلدە توغرايمىز.
قۇرۇش ئۇسۇللىرى: ئاۋال قازانغا بىر چۇمۇچكە يېقىن ياغ قۇيۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەرنى سېلىپ تاكى ئىرىگىچە يىنىك ئارلاشتۇرىمىز،  ئاندىن تۇخۇ گۆشىنى سېلىپ بىر نەچچە مىنۇتچە قورىۋالىغاندىن كىيىن ئابدۇللا ئۇستام تۇخۇ قوردىقى تېتىتقۇسىنى سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئاندىن بەرەڭگە، غول پىياز، سامساق ۋە زەنجىۋىللەرنى سېلىپ يەنە تەكشى قورۇيمىز، يەنە ئاز مىقداردا پەمىدۇر قىيامى سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرمىز، ئاندىن تۇزدىن ئۈچ يېرىم بالا قۇشۇق، بىر بالا قۇشۇق ئابدۇللا ئۇستام تېتىتقۇسى، ئۈچ بالا قۇشۇق ئابدۇللا ئۇستام تۇخۇ تەم جەۋھىرى سالىمىز، تۇخۇ گۆشى قىزغۇچ رەڭگە كىرگۈچە قورۇيمىز. 
قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يەرلىك توخۇ بولسا يېرىم سائەتچە، گۆش تۇخۇسى بولسا ئون مىنۇت دۇملەيمىز. 
دۇملەپ بولغاندىن كىيىن توخۇنىڭ ياخشى پىشقان پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۇچۇن  چۇمۇچنى بەرەڭگىگە يىنىك ئۇرۇپ باقىمىز ، بەرەڭگە ياخشى پىشقان بولسا توخۇ گۆشىنىڭمۇ ياخشى پىشقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. 
ئەڭ ئاخىرىدا كۆك قىزىل مۇچلارنى سېلىپ ئارلاشتۇرغاندىن كىيىنلا ئوخشىغان تۇخونى قازاندىن 
قوردىقىنى تەخسىگە ئالساق بولىدۇ،


 

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号