توخۇ پاچىقىنى ئەڭ تەملىك يىيىش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 72928:ئادەم ئۆگەندى
    مىنىڭچە توخۇ پاچىقىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغىنىمىز، توخۇ پاچىقىنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ تەملىك ھىسابلىنىدىغان يىيىش ئۇسۇلى بولۇپ، دۈملەش ياكى مايدا داغلاش كەتمەيدۇ، ئەمما تەمى يەنىلا ناھايىتى ئىسىل چىقىدۇ.
    ئالدى بىلەن بىر نەچچە توخۇ پاچىقى تەييارلايمىز.
    توخۇ پاچىقىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.

    بۇندىن باشقا يەنە مۇۋاپىق مىقداردا پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، غولپىياز توغراپ تەييار قىلىمىز.


    چىنىدىن بىرنىڭغا ئازراق شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى(ياكى قىزىل ماي)، تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
    پىشۇرۇپ تەييار قىلغان توخۇ پاچىقىنى قولىمىزدا تىتىپ سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ، تەخسىدىن بىرنىڭغا سېلىپ تەييار قىلىمىز.
    قازاننى ئوچاققا ئېسىپ، ئۇنىڭغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، غولپىياز، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ قورۇيمىز.
    قورۇپ بولغاندىن كىيىن، قازاندىكى ياغنى ئالدىدا تەييارلىغان خۇرۇچ شەربىتى ئۈستىگە سۈزۈپ قوشىمىز ھەمدە بىر ئارىلاشتۇرۋىتىمىز.
    ئاخىرىدا خۇرۇچ شەربىتىنى تەخسىدىكى تىتىلغان توخۇ پاچىقى گۆشى ئۈستىگە قۇيغاندىن كىيىن، ئۈستىگە يەنە ئۇششاق چانالغان غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتسەكلا يىيىشنى باشلىساق بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号