بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامىمىزنىڭ ئىسمى مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن توخۇ قانىتىدا تەييارلىغان بۈگۈنكى بۇ تائامىمىزدا ھەم گۆش ھەم كۆكتات بار بولۇپ، مەيلى تېخى تويلاشمىغان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ يىيىشىگە بولسۇن ياكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يىيىشىگە بولسۇن، ئوخشاشلا ماس كىلىۋىرىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
توخۇ قانىتى، مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(油豆腐)، پىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، قۇرۇتۇلغان موگو، زەنجىۋىل، سامساق
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
تۇز، ئاق شىكەر، تېتىتقۇ ھارىقى، خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، كۈنجۈت مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
Step 1
بۈگۈن كۆپچىلىككە ئۈچ كىشىلىك تەييارلاپ كۆرسەتمەكچى، شۇڭلاشقا 1.2لىتىرلىق قۇم قازىنى ئىشلىتىلدى.
ئەگەر توڭلىتىلغان توخۇ قانىتى بولسا، ئىككى سائەت بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇش لازىم. توخۇ قانىتىنى مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتە توغرىۋالىمىز.
توغرالغان غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى توغرالغان توخۇ قانىتىغا قوشۇپ، ئۈستىگە بىر قۇشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن يېرىم سائەت قويۇپ تۇزلايمىز.
Step 2
توخۇ قانىتى تۇزلىنىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، موگونى سۇغا چىلاپ پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، باشقا بىر قاچىغا ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز.
قىزىلمۇچتىن بىرنى، كۆكمۇچتىن بىرنى ھەمدە يېرىم باش پىىياز توغراپ، سەل تۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قازاندىكى قاينىغان سۇغا سېلىپ ئىككى مىنۇت سېلىپ، ماي تەركىبىنى چىقىرۋىتىمىز. ئۈزىگە ئېلىۋالغان سۇنى سەل تۇرۇپ سىقىپ چىقىرۋەتسەك بولىدۇ.
Step 3
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، تۇزلاپ تەييار قىلغان توخۇ قانىتىنى سېلىپ، سۇ تەركىبى تۈگەپ سىرتقى يۈزى سارغۇچ كۈيۈك رەڭگىگە كەلگۈچە قورۇيمىز.
كەينىدىن، توخۇ قانىتىنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويۇپ، چاناپ توغرالغان غولپىياز، سامساق، زەنجىۋىللارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز، چىلاپ قويغان موگونىڭ سۈيىنى سىقىۋىتىپ قازانغا سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
كەينىگە ئۇلاپلا، موگونى چىلاپ قويغان سۇدىن، قازانغا توخۇ قانىتىنى پۈتۈنلەي يۆگىگەن ھالدا قۇيۇپ، ئۈستىگە ئۈچ قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇسى، كىچىكرەك بىر قوشۇق تۇز، كىچىكرەك بىر قوشۇق شىكەر سېلىپ تەم كىرگۈزىمىز.
چوڭ ئوتنى ئېچىپ قايناتقاندىن كىيىن، مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، 20مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇمىز.
Step 4
توخۇ قانىتى دۈملىنىپ پىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپكە قۇم قازاننى ئېسىپ، بىر قوشۇق ماي قۇيۇپ، ئالدىدا توغراپ تەييار قىلغان پىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچلارنى سېلىپ ئازراق مالتىلاپ قورۇيمىز.
بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەمىنى چىقىرىپ، قورۇپ يېرىم پىشقان ھالەتكە كەلگەندە ئوتنى ئۆچۈرۋىتىمىز.
Step 5
دۈملەپ بولغان توخۇ قانىتى ۋە مايلىق پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قۇم قازاندىكى پىياز ۋە كۆك قىزىلمۇچلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا قىزىتىمىز.
قۇم قازان ئىچىدىكى شورپا قاينىغان ئاۋاز چىقارغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
قۇم قازاننىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تاماق ئۈستىلىگە ئالغاندىن كىيىنمۇ، پۇرۇقشىپ قاينىغان ئاۋازى تېخى تۇلۇق يىتمەيدۇ، يېغىلىش قىلغاندا كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.