داغلاپ قورۇلغان توخۇ گۆشى ياڭيۇ قورىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 84060:ئادەم ئۆگەندى
   توخ گۆشىنىڭ ماي تەركىبى تۆۋەن، ئەمما ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى. بۈگۈن بىز توخۇ گۆشىدىن پايدىلىنىپ، داغلاپ قورۇلغان توخۇگۆشى ياڭيۇ قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى. چۈرۈك ھەم تەملىك داغلانغان ياڭيۇ بىلەن توخۇ گۆشى ماسلاشسا، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەم يىيىشلىك بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    توخۇ تۆش گۆشى، تۇخۇم، ياڭيۇ، غولپىياز مايسىسى
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    تۇز، شىكەر، شىڭچۇۋ جياڭيۇسى، تېتىتقۇ ھارىقى، كىراخمال، لاۋچوۋ جياڭيۇسى، زىرە تالقىنى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-Step 1-
    توخۇ تۆش گۆشىنى بۇرجەكلىك كىچىك پارچە ھالەتتە توغرايمىز.
    بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قوشقاندىن كىيىن، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جياڭيۇسى، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشىمىز.
    كەينىدىن بىر قوشۇقتىن ئازراق تۇز، بىر قوشۇقتىن ئازراق شىكەر ۋە چوڭراق قۇشۇقتا بىر قوشۇق كىراخمال قوشىمىز.
    قولىمىزدا مىجىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، 15مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

-Step 2-
    ياڭيۇنى ئاقلاپ، ئالدىدا توغرىغان توخۇ گۆشىدىن ئازراق چوڭراق ھالەتتە توغرىۋالىمىز
    توغراپ بولغان ياڭيۇنى سۇغۇق سۇغا چىلاپ، يۈزىدىكى كىراخمالنى يۇيىۋىتىمىز.

-Step 3-
    ئاستى تۈز چاپلاشماس قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئوتنى ئوتتۇرا ھال دەرىجىگە تەڭشەپ، ياڭيۇنى سېلىىپ تەكشى تارىتىپ، قۇرۇق داغلايمىز.
    ئاستى قىزمى داغلىنىپ سېرىق كۆيۈك ھالىتىگە ئۆزگەرگەندىن كىيىن، ئۇنى مالتىلاپ، باشقا يۈزلىرىنىمۇ داغلايمىز.
    ياڭيۇنىڭ ھەممە يۈزى ئاساسەن سېرىق كۈيۈك ھالىتىگە كەلگەندىن كىيىن، ئۇنى قازاننىڭ بىر تەرىپىگە يېغىپ قويىمىز.

-Step 4-
    توخۇ گۆشىنى قازانغا سېلىپ، رەڭگى ئۆزگەرگۈچىلىك قورۇيمىز.
    بىر چەتتىكى ياڭيۇ بىلەن ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تەكشى تارىتىپ قايتا قۇرۇغ داغلايمىز.
    كەينىدىن ئازراق لاۋچوۋ جياڭيۇسى، كىچىك بىر قوشۇق تۇز، كىچىك بىر قوشۇق شىكەر، كىچىك بىر قوشۇق زىرە تالقىنى قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ تەمىنى كىرگۈزىمىز.
    ئاخىرىدا، ئۈستىگە ئازراق چانالغان غولپىياز مايسسى سېپىۋەتسەك، تەخسىگە ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

-Step 5-
    بۈگۈن بىز بۇ قورىمىنى تۇنۇشتۇرغاندا، زىرە تالقىنى ئىشلەتتۇق؛ ئەگەر سىزگە ياقمىسا، زىرە تالقىنىنىڭ ئورنىغا مۇچلۇق تۇز ياكى قارىمۇچ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بۇ تائامنى يىسىڭىز قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ چىراينى گۈزەل قىلىدۇ

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائامنىڭ ئىسمى زەنجىۋىل تەملىك ئۆردەك گۆشى دۈملەنمىسى بولۇپ، بەدەنگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ قوقاق ھەيدەيدۇ؛ ھۆللى

يېسى پۇرچاق تۇخۇ قۇرىمىسى

خام ماتىريالى:تۇخۇنىڭ تۆش گۈشى ،يېسى پۇرچاق ،كۆك- قىزىلمۇچ،كىچىك قىزىل مۇچ، يۇمغاقسۇت،سامساق،زەنجىۋىل،غولپىياز

قورغاق قورۇلغان توخو گۆش قورمىسى<干煸鸡>

تەييارلاش ئۇسولى: توخو گۆشىنى خورما چوڭلىقىدا ئۇزۇنچاق توغراپ، كىراخمال تۇز،تىتىتقۇ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن سېلىپ تەملاندۇرۋالىمىز.قازانغا

كۇنجۇتلۇك توخۇ توشى

تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇ توشىنى باش بارماق شەكلىدە توغراپ تۇز ،كىراخمال ،زەنجىۋىل سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ كۇنجۇت سېلىپ تەملەندۇرۇمىز

سان گۆشلىك توخۇ گۆشى قورىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ ۋە قوي گۆشىنى يالپاقداپ ئاندىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تۇز،ئاقمۇچ، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ت

تۇخۇ قوردىقى(大盘鸡)قۇرۇش ئۇسۇلى

تەييارلاش ئۇسۇلى؛تۇخۇنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز،بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز. كوك-قىزىل مۇچ ،غولپىياز ،سامساق ، زەنجىۋىللە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号