قىش پەسلىدە يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان گۆش قورىمىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 146179:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىش پەسلىدە يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان قورۇما—زىرە قوشۇپ قورۇلغان قوي گۆشى قورىمىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    قوي گۆشى، زەنجىۋىل، سوڭپىياز، سامساق، ئاق كۈنجۈت، يۇمغاقسۈت، قىزىلمۇچ سوقمىسى
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    تېتىتقۇ ھارىقى، يىمەكلىك مېيى، شاكال بەدىيان، كاۋاۋىچىن، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جياڭيۇسى، زىرە
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
قوي گۆشىنى نىپىزراق پارچە ھالىتىدە توغرايمىز.
توغرالغان گۆشنى بىر قاچىغا ئېلىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قۇيىمىز
قولىمىزدا تەكشى مۇجۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 20 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.

Step 2
     قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، شاكال بەدىيان بىلەن كاۋاۋىچىننى سېلىپ، تەمىنى چىقىرىمىز
     شاكال بەدىيان بىلەن كاۋاۋىچىننىڭ تەم پۇرۇقىنى پۇرىغاندىن كىيىن،ئۇلارنى سۈزىۋالىمىز.
    ئارقىسىدىن زەنجىۋىل قەلەمچىسى ۋە بۆلەك ھالىتىدە توغرالغان سوڭپىيازنى قازانغا سېلىپ قورۇپ تەمىنى چىقىرىمىز.
ئالدىدا تەييار قىلغان قوي گۆشىنى سالىمىز.
چوڭ ئوتتا، گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەنگە قەدەر قورۇيمىز.

Step 3
    بۇ ۋاقىتتا قازانغا بىر قۇشۇق شىكەر، ئىككى قۇشۇق شىڭچوۋ جياڭيۇسى، يېرىم قۇشۇق لاۋچوۋ جياڭيۇسى قۇيىمىز.
    كەينىدىنلا بىرپىيالىدىن ئازراق زىرە، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق كۈنجۈت، قىزىلمۇچ سوقىمىسى قوشىمىز.
    چوڭ ئوتتا قورۇپ سۈيىنى يېغىپ، قوي گۆشىگە رەڭ ۋە تەم كىرگۈزۈمىز.

Step 4
    قازاننىڭ سۈيىنى يېغىپ قۇرۇق ھالەتكە يەتكەندىن كىيىن، بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز.
    مۇۋاپىق مىقداردا توغرالغان سامساق ۋە يۇمغاقسۈت قوشىمىز.
   قورۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۈچۈرۈپ قاچىغا ئۇسساق بولىدۇ.

Step 5
    پىياز يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار، شىكەرنى پىيازغا ئالماشتۇرسا، تەمى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ.

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号