خام ماتېرىيالى :قوي قۇۋۇرغىسى، بەرەنگە، كىراخمال،تورت ئۇنى،تۇخۇم ئىككى دانە، سامساق، زەنجىۋىل ،غولپىياز.

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ،ئاق شېكەر، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ،قارمۇچ،كاۋاۋىچىن، ياغمۇچ،قىزىلمۇچ چانالمىسى، بېلىق تەم جەۋھىرى،

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز.ئاندىن قۇۋۇرغىنى بىر قاچىغا ئېلىپ تۇخۇم چېقىپ ئاندىن تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ ، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ ،كاۋاۋىچىن ئۇنى،تورت ئۇنى، كىراخمال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۋالىمىز.

قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا قوۋۇرغا چىلاشقۇدەك ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا قوي قۇۋۇرغىسىنى بىر بىرلەپ سېلىپ سارغىيىپ چۇرۇڭ ھالەتكە كەلگەندە ياغدىن سۇزۋالىمىز.

ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز.تۇخو تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ،ئاق شېكەر، 13خىل تەم جەۋھىرى، سەپمە تېتىتقۇ،قارمۇچ،كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ قوۋۇرغا بەرەنگىنى سېلىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا دۇملەپ پىشۇرۋالىمىز.ئاندىن چىرايلىق بېزەلگەن تەخسىگە ئاۋۋال بەرەنگىنى ئېلىپ ئاندىن قۇۋۇرغىنى چىرايلىق رەتلىك تىزىپ ئۇستگە دۇملىمە قىيامى قۇيۇپ ئەزىز مېھمىنىمىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بولىدۇ


قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن
ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست
تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم
تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان
خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号