ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 55914:ئادەم ئۆگەندى

خام ماتىريالى:تۇخۇم10تال،گۆش250گىرام،باشپىياز1تال. كىراخمال، غولپىياز،سامساق،قىزىلمۇچ،كۇدە.

تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت  ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوستىنى سويۇپ تەييارلايمىز.ئاندىن گۆشنى باش پىياز بىلەن ئۇششاق يۇمشاق ھالەتتە چاناپ ، كىيىن تۇز، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ئۇنى، زەنجىۋىل سۇيى، كىراخمال 1،تال تۇخۇم قاتارلىق تەم خۇرۇچلىرى بىلەن تەملەندۈرۈپ خېمىر ھالەتتە ئارلاشتۇرىمىز.

 

 بىرتۇخۇمنى ئوتتۇرسىدىن تەڭ ئىككىگە بۆلۈپ سىرىقىنى ئىلىۋىتىپ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالنىڭ قويۇق ئارلاشمىسىدىن تۇخۇمنىڭ سىرىقى ئىلىۋىتىلگەن ئورۇنغا تېمىتىپ يۇمشۇتۇلغان گۆشنى تۇخۇم سىرىقىنىڭ ئورۇنىغا تەكشى ھالەتتە سىلىپ تولدۇرىمىز. ئۈستىگە يەنەبىرقەۋەت  سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالنىڭ قويۇق ئارلاشمىسىدىن تىمىتىپ تەييارلىۋالىمىز. 

قازانغا 1كىلوگىرام ئەتراپىدا (تۇخۇم چۆككىدەك ھالەتتە) ماي قۇيۇپ  ماي نورمال قىزىغانداتەييارلانغان تۇخۇمنى مايغا سىلىپ رەڭگى سارغۇچ  ھالەتكە كىلىپ پىشقاندا مايدىن سۈزۈۋىلىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىۋالىمىز.

غولپىياز،سامساق،قىزىلمۇچ،كۆكمۇچلارنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز.

قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا يىرىم چۈمۈچ ماي قۇيۇپ ئۇششاق توغراپ  تەييارلانغان  غوپىياز، سامساق ، كۇدە،قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى سىلىپ قورۇپ پەمىدۇر قىيامى تۇز ،ئاقمۇچ بىرچۈمۈچ سۇقۇيۇپ تەمىنى تېتىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال شىرنىسىدىن ئازراق قۇيۇپ سۈيى  قۇيۇقلاشقاندا تۇخۇمنىڭ ئۈستىگە قۇيۇيىمىز.

 سىن دەرىسلىكىنى تەپسىلى كۇرۇپ ئائىلىدە سىناپ كۇرۇڭ 

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号