قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 47429:ئادەم ئۆگەندى
   قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن ساغلام قورۇما ھېسابلىنىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، تۇخۇم، قوي گۆشى، سەۋزە، غولپىياز، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. سەۋزىنى ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   2. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ، سەۋزىنى سېلىپ ئۈچ مىنۇت قورىغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.

   3. كەينىدىن قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ قاتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.

   4. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل ۋە غولپىيازنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇيمىز؛ گۆش سارغايغاندىن كېيىن قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ قورۇيمىز.
   5. قارا قېرىنقولاق پىشاي دېگەندە تۇخۇم بىلەن سەۋزىنى سېلىپ بىللە قورۇيمىز.
   6. بۆلەك ھالىتىدە توغرالغان غولپىياز ۋە قارىمۇچ قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئاخىرىدا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
   تۇخۇمنىڭ گەرچە ئاقسىل تەركىبى مول، كۈتۈنۈش ۋە ساغلاملىق قىممىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى، شۇڭا بەك كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە، بىر كۈندە 2-1 تۇخۇم ئىستېمال قىلساق، بىزنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىمىزنى قامدىيالايدۇ.

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号