قوي گۆشى قوردىقى
6 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 59805:ئادەم ئۆگەندى

    خام ماتىريالى: قوي گۆشى، بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ)، سۇماي 100گىرام، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز بىر دانە، سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل 10 گىرام.

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، ئارپىدىيان ، قاقىلە، قۇۋزاق داچىن، لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، ئاقمۇچ، شېكەر، چانالغان قىزىلمۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى.

   تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى ياڭاق چوڭلىقىدا چانايمىز، بەرەنكىنىمۇ قېلىنراق يالپاق توغرايمىز، باش پىياز ۋە قىزىلمۇچلارنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلدە توغرايمىز(رەسىمدىكىدەك).

     قۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا بىرچۇمۇچ ماي قۇيۇمىز، يېرىم چۇمۇچ شېكەرسېلېپ ئارلاشتۇرۇمىز، شېكەر ئىرىپ قىزىل كۇپۇكچىلەر چىققاندا تەييارلانغان قوي گۆشى نى سېلىپ قۇرۇيمىز، قوي گۆشى قىزارغاندا چانالغان قىزىلمۇچ ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلېپ،  تۇز،كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان،ئارپىدىيان ، قاقىلە، قۇۋزاق داچىن،لاچىندانە، ئاچچىق قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساقلارنى ئارقىمۇ-ئارقا سلېپ  قۇرىغاندىن كېيىن، قوي گۆشى چىلاشقىدەك سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا 75مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىمىز. ئاندىن  بەرەنكىنى سالىمىز، پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ كوك-قىزىل مۇچنى سېلىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.

   ئەسكەرتىش
    1. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازان بار بولسا، قوي گۆشى قۇرىغاندا بەرەنكىنى (سەۋزىنى)سالماي ئون مىنۇت يۇقىرى بېسىملىق قازاندا پىشۇرۇپ ،ئاندىن بەرەنكىنى(سەۋزىنى) سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ ئالساق بۇلىدۇ.
    2. سەۋزە  ئورنىغا ئوز ئىستىمالىڭىز بۇيىچە بەرەنگە ،ياكى چامغۇر سېلىپ قورىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号