يۇمغاقسۈت گۆش قورىمىسى
5 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 465153:ئادەم ئۆگەندى

   ئاساسى ماتېرىيالى: قوي گۆشى 300 گىرام، يۇمغاقسۈت، سامساق، كىچىك قىزىلمۇچ

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، شىكەر، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، كۈنجۈت مېيى، ئاق ئاچچىقسۇ

   تەييارلاش ئۇسۇلى: گوشنى ياپراقچە توغراپ تەييارلايمىز؛ يۇمغاقسۈتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ بارماق ئۇزۇنلىقىدا توغرىۋالىمىز؛ سامساق ۋە كىچىك قىزىلمۇچلارنى ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز.

   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ، قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ سارغايتىپ قورىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز؛ قازانغا قايتىدىن ئازراق ماي قۇيۇپ، سامساق ۋە كىچىك قىزىلمۇچنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، يۇمغاقسۈت ۋە قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، شېكەر قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنى تېتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى ۋە ئاق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

   ئەگەر شارائىت يار بەرسە، تۆمۈر تەخسىنى قىزىتىپ ۋە ئۈستىنى تاش قەغەز(شىزى) بىلەن ئوراپ، تاش قەغەز ئۈستىگە باش پىيازنى ئىنچىكە قىلىپ توغراپ يېيىلتىپ، ئۈستىگە ئاندىن قورىمىنى ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ. بۇنىڭدا قورىما مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، چاراسلىغان ئاۋازى مىھمانلارنى ئوزىگە جەلىپ قىلىدۇ، يۇمغاقسۈتنىڭ مەززىلىك پۇرىقى بولسا مېھمانلارنىڭ دىمىقىغا ئورۇلۇپ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.
   يۇمغاقسۈت: ئاشكۆكى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، زۇكامنى داۋالاش ۋە بەدەن تەرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار؛ بۇندىن باشقا، تائاملارغا شۇنداق ياخشى تەم ۋە پۇراق ئېلىپ كېلىدۇ.

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号