قۇرۇق قورۇلغان سەي پۇرچاق تەييارلاش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 293256:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز، قۇرۇق قورۇلغان سەي پۇرچاق قورىمىسى بولۇپ، چۈرۈك پىشقان سەي پۇرچاققا تۇزلۇق تەم قوشۇلسا، تەمى ئىنتايىن ياخشى چىقىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: سەي پۇرچاق، قوي گۆشى، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، پۇرچاق بوتقىسى، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. سەي پۇرچىقىنىڭ ئىككى بېشىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، قولىمىزدا ئوشتۇپ سۇندۇرۇپ پارچىلايمىز ھەمدە پاكىزە يۇغاندىن كېيىن سۈيىنى تولۇق سارقىتىپ قويۇپ قويىمىز.
   2. قوي گۆشىنى (ئەڭ ياخشىسى مايسىز قارا گۆش ئىشلىتىش كېرەك) ئۇششاق چاناپ قىيما قىلىمىز؛ قاقمۇچنى ئازراق ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئېلىپ بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى ئاقلاپ چاناپ توغرايمىز.
قورۇش ئۇسۇلى
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، سەي پۇرچىقىنى سېلىپ داغلاپ، يۇمشاپ سىرتقى يۈزىدە قاپارتمىلار پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا سۈزۈپ ئېلىپ مېيىنى سارقىتىپ ئېلىپ قويىمىز.
   4. قازاندا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قالدۇرۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال قىيما گۆشنى سېلىپ سۇ تەركىبى تۈگىگىچە قورۇيمىز؛ كەينىدىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ قورۇپ، گۆشنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز؛ كەينىدىن سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، پۇرچاق بوتقىسى، كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ، قىزىل ماي چىقىرىمىز.
   5. قورۇپ خۇرۇچ ماتېرىياللىرىنىڭ تەمىنى چىقارغاندىن كېيىن، ئالدىدا داغلاپ تەييارلىغان سەي پۇرچىقىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ بىرلا ۋاقىتتا تۇز سېلىپ تەم تەڭشەپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق قورۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
   1. سەي پۇرچىقىنى ئالدىن سۇدا قاينتىۋىلىش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەسىلىدە، ئەگەر سەي پۇرچىقىنى ئاۋۋال سۇدا قاينىتىۋالساق، سەي پۇرچىقىنىڭ تەمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا سۇدا قاينىتىۋالماي بىۋاستە داغلىساق بولىدۇ.
   2. سەي پۇرچىقىنى داغلىغان ۋاقىتتا، ماي ئالتە ئۈلۈش قىزىغان ۋاقىتتا قازانغا سېلىپ داغلاشنى باشلاپ، سىرتقى يۈزى قاپىرىشقا باشلىغان ۋاقىتتا دەرھال سۈزۈپ ئېلىۋىلىش كېرەك، داغلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولمىسىمۇ بولىدۇ، خام قالمايدۇ.
   3. پۇرچاق بوتقىسى، قاقمۇچ ۋە كاۋاۋىچىن مىقدارىنى، پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ؛ ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز كۆپرەك سالسىڭىز بولىدۇ. بۇندىن باشقا، قوي گۆشىگىمۇ مايسىز ئۇرۇق گۆش تاللاڭ، بۇنىڭدا قورىمىنىڭ تەمىمۇ تېخىمۇ ياخشى چىقىدۇ.
 

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号