زىخقا ئۆتكۈزۈش كەتمەيدىغان زىرە تەملىك قازان كاۋاپ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 66058:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، زىخقا ئۆتكۈزۈش كەتمەيدىغان، ئۆيدىلا تەييارلاپ ئىستېمال قىلىپ، كاۋاپ خۇمارىدىن چىقىشقا بولىدىغان زىرە تەملىك قازان كاۋاپ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    كىتەرلىك ماتېرىيال: قوي گۆشى، تۇخۇم ئېقى، كىراخمال، پىياز، يۇپۇرماقلىق كاھۇ(生菜)
   خۇرۇچ ماتېرىياللىرى:  زىرە تالقىنى، زىرە، مۇچ تالقىنى، ئاق كۈنجۈت، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، قوي گۆشىنى 2 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغراپ تەييارلايمىز.

   ئىككىنچى قەدەمدە، قوي گۆشىنى چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە زىرە تالقىنى، مۇچ تالىقىنى، ئازراق پىياز چانالمىسى(ياقتۇرمىسىڭىز قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)، بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى، مۇۋاپىق مىقداردا قۇرۇق كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن 15 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، چىنىدىن بىرگە زىرە تالقىنى، زىرە، مۇچ تالقىنى، ئاق كۈنجۈت، تۇز قاتارلىقلارنى سېلىپ تەييارلايمىز؛ يۇپۇرماقلىق كاھۇنى يۇيۇپ تەييارلاپ، تەخسىنىڭ تىگىگە تەكشى يېيىلتىپ، قازان كاۋاپنى ئۇسۇپ ئېلىش ئۈچۈن تەييارلايمىز.

   تۆتىنچى قەدەمدە، قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، قوي گۆشىنى سېلىپ سىرتقى يۈزى سارغايغىچىلىك داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   بەشىنچى قەدەمدە، قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئاۋۋال سامساق ۋە زەنجىۋىل سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن داغلاپ تەييارلىغان قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ ئۈستىگە  ئالدىدا تەييارلىغان زىرە تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، زىرە تەمى ۋە قىزىلمۇچ تەمىنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号