سېرىق ئاش كاۋاپ(黄面烤肉)
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 82537:ئادەم ئۆگەندى

خام  ماتىريالى: ئۇندىن  بىرچىنە ،گوشتىن 300گىرام ،باش پىياز ،تەرخەمەك،ياغ،

تەم خۇرۇچلىرى :تۇز ،ئاقمۇچ ،زىرە ئۇۋاق قىزىلمۇچ

ئالدى بىلەن خېمىرىنى  يۇغۇرۋالىمزى (خېمىر يۇغۇرۇش ئۇسۇلى ئالدىنقى قېتىم سوزلىنىپ بولغان) ئاندىن خېمىرغا يىمەكلىك رەڭ ياكى زەمۇچ بىرىپ،شاخار ياكى پىڭخۇي ئارلاشتۇرۇپ خېمىرنى بەكرەك ئىشلەپ بىر ئوڭ بىر سول چۇرۇپ خېمىرنى تەڭشەيمىز.

(تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ)پىشقان ئۇستاملار تىزلام تەڭشەيدۇ . ئاندىن خېمىرنى ئاش تاختا ئۇستىگە قۇيۇپ ئاستا-ئاستا تارتىپ ئىنچىكە بولغاندا قازانغا سېلىپ بىرلا قاينتىپ سوغاق سۇغا سۇزۇپ ،بىرنەچچە قېتىم سوۋۇتۇپ ياغدا مايلاپ ئېلىپ قۇيىمىز .

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي گۇشىنى نىپىز ياپراقچە توغراپ تۇز ،ئاقمۇچ ،كىراخمال ،تۇخۇم لار بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەملاندۇرۋالىمزى.سىز ئالدىنقى قېتىملىق سوغاق يىمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تەڭشىگەن ئۇسۇلدا تەم تەڭشەپ سېرىق 

ئاشنىڭ ئۇستىگە قۇيسىڭىزمۇ بۇلىدۇ  مىنىڭ ھازىر بۇيەردە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بۇلۇپ بەك تەملىك  بەش تال قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچنى يۇمشىتپ  چانايمىز ،غولپىيازدىن بىرباش ،سامساقتىن 5چىش زەنجىۋىلدىن قاقتەك يۇمشاق چانىلىدۇ .كوك-قىزىلمۇچلار يېرىم تالدىن  ئۇششاق توغرىلىدۇ ، قازانغا يېرىم چۇمۇچ ياغ قۇيۇپ يۇقۇردىكى ماتىرياللار بىراقلا قازانغا سېلىنىدۇ ،بىر ئىككى قورۇپلا بىر قوشۇق جىياڭيۇ .بىر چۇمۇچ ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قورۇپ مەزلىك پۇراق چىققاندا تۇز ،ئاقمۇچ كاۋاۋىچىن،قاتارلىقلارنى سېلىپ بىر چۇمۇچ سۇقۇيۇپ تەمىنى تېتىپ ئازراق سۇيۇقلاندۇرۇلغان  كىراخمال بىرىپ ئازراق پالەكنى ئۇگرە ياكى ئۇششاق توغراپ بىر قاچىغا ئېلىپ قۇيىمىز

قورۇش ئۇسۇلى :قازانغا 4 چۇمۇچ ياغ قۇيۇپ ياغ قىزىغاندا تەملەندۇرۇلگەن گوشنى سېلىپ چېچىلدۇرۇپ قۇرۇپ گوش پىشقاندا سوزىۋېلىپ قازاندىكى ماينىڭ قالدۇقىدا يېرىم باش،  باشپىيازنى ئىنچىكە توغراپقازانغا سېلىپ گوشنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ ،تۇز زىرە ،ئۇۋاق

 قىزىلمۇچلارنى ئازراقتىن سېلىپ تەمىنى تېتىپ تەييارلايمىز . ئاخرىدا سېرىق ئاشنىڭ ئۇستىگەتەرخەمەكنى ئىنچىكە توغراپ، تەڭشەلگەن سوغوق يىمەكلىك قىيامىنى قۇيۇپ ،ئۇستىگە قورىما كاۋاپنى ئېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号