بۇ دۈملىمە گۆشنى يىسىڭىز، قىش كۈزدە سۇغۇقتىن قورقمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 89684:ئادەم ئۆگەندى
   ھاۋا بارغانسىرى سۇۋۇپ بارغان كۈنلەردە، قوي گۆشى يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قوي بەل ئۇمۇرتقا گۆشىدىن تەييارلانغان ئاچچىق تەملىك قوي گۆشى دۈملىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   قوينىڭ بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەكلىك گۆشى، زەنجىۋىل، غولپىياز، چىلىغان مۇچ، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، كەرەپشە
خۇرۇچ ماتىريالى
   ئىستىمال مېيى، پۇرچاق بوتقىسى، ئاق ھاراق، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
 
   قوي گۆشىنى قازانغا سېلىپ، سۇغۇق سۇ قۇيۇپ ئوتنى ياقىمىز.
   چوڭ ئوتتا قاينىتىپ، قايناپ چىققاندىن كىيىن يېغىلغان موزىلىرىنى سۈزىۋىتىمىز.
   قوي گۆشىنى سۈزىۋىلىپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
 
Step 2
 
   قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغرالغان زەنجىۋىل ۋە غولپىيازنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   كەينىدىن ئالدىدا بىر قاينىتىپ ئېلىۋالغان قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز.
   ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا قورۇپ، يۈز قىسمىدىكى سۇ تەركىبلىرىنى پۈتۈنلەي قۇرىتىۋىتىمىز.
   كەينىدىن گۆشنى قازاننىڭ بىر چېتىگە ئىتتىرىپ قويۇپ تۇرۇپ، قازانغا ئازراق پۇرچاق بوتقىسى قوشىمىز.
   پۇرچاق بوتقىسىنىڭ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن گۆش بىلەن بىللە قورۇيمىز.
   قورۇپ گۆشنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن بىر قوشۇق ئاق ھاراق قوشىمىز.
   تۇۋاقنى يېپىپ 20سىكونت كىچىك ئوتتا قۇرۇق دۈملەپ، قوي گۆشىنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز.
   20سىكونتتىن كىيىن تۇۋاقنى ئېچىپ، بىر قوشۇق لاۋچو جىياڭيۇسى قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ رەڭ كىرگۈزىمىز.
   قوي گۆشى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قوشۇپ، چوڭ ئوتتا قازاننى قاينىتىمىز.


   قايناپ چىققاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ كىچىك ئوتتا 40مىنۇت دۈملەيمىز.
 
Step 3
 
   40مىنۇت توشقاندىن كىيىن تۇۋاقنى ئېچىپ، غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى خىللاپ ئېلىۋىتىمىز.
   چىلانغان مۇچ ۋە ئۇچلۇق ئۇششاق قىزىلمۇچنى سالىمىز.
   چۆمۈچ بىلەن مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   تۇۋاقنى يېپىپ يەنە بەش مىنۇت دۈملەيمىز.
   بەش مىنۇت توشقاندىن كىيىن تۇۋاقنى ئېچىپ، ئۈستىگە ئازراق كەرەپشە ياپراقلىرىنى چاچىمىز.
   بۈگۈنكى ئاچچىق تەملىك قوي گۆشى دۈملىمىسى تەييار بولىدۇ.
 
Step 4
 

   بۇ خىل قوي گۆشى دۈملىمىسى، ئاچچىق تەملىك، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بولۇپ، ئەگەر قوي بەل ئومۇرتقا سۆڭەكلىك گۆشىنى ياقتۇرمىسىڭىز، قوينىڭ قۇۋۇرغا گۆشلىرى ۋە باشقا قىسىم گۆشلىرىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم گۆش قورىمىسى

قارا قېرىنقولاق تۇخۇم قورىمىسى، ناھايىتى تەملىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەييارلاش تەس ئەمەس، نىسبەتەن

قىزارتىپ دۈملەنگەن قوي گۆشى

ھەممىمىزنىڭ قوي گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكىمىزگە گەپ كەتمەيدۇ. ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما بىر قازان قوي گۆشى پىشۇرۇپ، شورپىسى ۋە سەۋز

ئاي كۆزلۇك تۇخۇم قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، پەمىدۇر قىيامى. تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن 9تۇخۇمنى قازانغا سىلىپ 8 مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرۇپ پوست

يالقۇنتاغ ئالاھىدە قوۋۇرغا دوملىمىسى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قوي قۇۋۇرغىسىنى دانىمۇ دانە پارچىلاپ ئاندىن يېرىم ھالەتتە سوڭىكىدىن ئايرىيمىز.بەرەنگىنى يالپاق توغراپ تەييارلىۋالىم

قېرىنقۇلاق گۆش قورىمىسى

تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن, كۇنجۇت مېيى. تەييارلاش ئۇسۇلى؛قېرىن قۇلاقنى بىر قاچىغا سېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ قۇيىمىز گوشنى 2سان

قوي گۆشى قوردىقى

خام ماتىريالى؛ قوي گۆشى بەرەنكە2دانە(ياڭيۇ) سۇماي، كوك_قىزىل مۇچ2دانە ،باش پىياز دانە سامساق بەش چىش ، زەنجىۋىل تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز ،كاۋا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号