سىزنى بارغانسېرى سەتلەشتۈرىۋىتىدىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6691:ئادەم ئۆگەندى
   تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر، ئۆزىنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى بايقايدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، بۇ بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇش مۇمكىن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى، بەدىنىمىزنىڭ قېرىشىنى تىزلەشتۈرىۋىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارغانسېرى كۆرۈمسىزلىشىپ كەتكەن بولۇشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، قايسى خىل ناچار ئادەتلەر بەدىنىمىزنىڭ قېرىشىنى تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ؟
كىچىسى ئۇخلىماسلىق
   ئۇخلاش ۋاقتى يىتەرلىك بولمىسا، بۇنىڭدا بەدىنىمىزنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇزۇن مەزگىل كېچىسى ئۇخلىمىغان ۋاقىتتا، بەدىنىمىز يىتەرلىك دەرىجىدە ئارام ئېلىشقا ئېرىشەلمەي، ئاسانلا ئىچكى ئاجرالما قالايمىقانلىشىش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىغاندا، بەدەندىكى ئەخلەتلەر ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىلەلمەي، ئوخشاشلا ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرماسلىق
   بارغانسېرى كۆرۈمسىزلىشىپ كېتىش ھادىسىسىنى، ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىۋىلىپ ھەرىكەتلەنمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىش، قېرىپ كېتىشنى ئاستىلىتىشنىڭ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، ئەگەر بەدەننىڭ بالدۇرلا قېرىپ كېتىشكە باشلىشىدىن ساقلىنىمىز دېسەك، ئۇنداقتا ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىشتا چىڭ تۇرىشىمىز لازىم.
پاسسىپ كەيپىيات كۆپ كۆرۈلۈش
   ھەمىشە پاسسىپ كەيپىياتلار كۆرۈلۈش، ئادەمنى بارغانسېرى سەتلەشتۈرىۋىتىشى مۇمكىن. كەيپىيات داۋالغۇشى چوڭ بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا،  ئاياللارغا نىسبەتەن يەنە بەزىبىر ئاياللار كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېمەك-ئىچمەك ئادىتى مۇۋاپىق بولماسلىق
   بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى سەتلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئادەتتىكى نامۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر دائىم يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، بەدەننىڭ قېرىپ كېتىشىنى تېزلەشتۈرىدۇ. بۇندىن باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ، ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ قېلىپ، ئوخشاشلا ساغلاملىققا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھاراق ۋە تاماكا
   ھاراق بىلەن تاماكا، نۇرغۇن كىشىلەردە ساقلانغان ناچار ئادەتلەردىن بولۇۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ھاراق ئىچىپ تاماكا چەككەندە، ئوخشاشلا بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قېرىپ كىتىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تەتقىقاتچىلار قاغىنى تازىلىق ئىشچىلىقىغا كۆندۈرمەكچى بولۇشتى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يېقىندا گوللاندىيەلىك ئىككى نەپەر سانائەت لايىھەلىگۈچى، قاغىنى تاماكا قالدۇقى تىرىش ئارقىلىق يىمەكلىك ئالماش

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، سىز بەلگىلىك تاكتىكىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، پەقەت بىر تەرەپلىمە ھالدا بەدەل تۆلەشنىل

ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، نىمىگە ھىساب؟

شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخ

ئاياللار قايسى ۋاقىتتا ئىرىگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولىدۇ

مەيلى كۈچلۈك ئاياللار بولسۇن ياكى "ئەركەك زېدەك" ئاياللار بولسۇن، ئۇلار مەيلى قانچىلىك مۇستەقىل، قانچىلىك مۇنەۋۋەر بولۇشىدىن قەتئىنەز

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号