ئاياللار قايسى ۋاقىتتا ئىرىگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5820:قېتىم كورۇلدى
   مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ناھايىتى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشتىن چۈشكەن ئايال ئۆيىگە قايتىشقا ئامال قىلالماي، ئىرىگە تېلفون قىلىپ، ماشىنا ھەيدەپ كىلىپ ئۆزىنى ئېلىپ كىتىشىنى ئېيتىپتۇ. لىكىن، ئەر بۇنىڭغا ئىرەنشىمەستىن، بۇرۇن يا يامغۇر يېغىپ باقمىغان بولسا، بۇنچىلىك قىلىپ كەتكۈچىلىك نىمىسى بار، تاكسى توسۇپ كەلسىڭىزلا بولمىدىمۇ دەپ ئۇنىماپتۇ.
   ئەر مەيلى ھۇرۇنلۇق سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى ئايالىنىڭ تەلىۋىنى ئاۋارىچىلىق كۆرگەن بولسۇن، ۋە ياكى ھەتتا ئايالىنىڭ ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆيگە قايتىپ كىلىش تەننەرخىنى ئويلاشقان بولسۇن، لىكىن ئۇلار، بۇ ۋاقىتتا ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغىنىنىڭ، ئەركىشى ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئايال كىشى ئىرىنىڭ رەت قىلىشىغا قارىتا، ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماستىن تېلفوننى قويىۋىتىپ داۋاملىق ھالدا ماشىنا ساقلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، يامغۇردا قېلىپ ھۆل بولۇپ كەتكىنى، ئۈستى بېشى ئەمەس بەلكى يۈرىكى ئىدى.
   مەيلى كۈچلۈك ئاياللار بولسۇن ياكى "ئەركەك زېدەك" ئاياللار بولسۇن، ئۇلار مەيلى قانچىلىك مۇستەقىل، قانچىلىك مۇنەۋۋەر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارمۇ بىر ئەركىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە تايانچ بولۇپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئايال كىشىگە نىسبەتەن، ئىرى ئۇلارنىڭ ئۆمرىدىكى ئورنىغا ھېچنىمىنى تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئايال كىشى قايسى ياش مەزگىلىدە ئىرىگە ئەڭ ئىھتىياجلىق بولىدۇ؟
   ئەمىلىيەتتە، ئايال كىشى توي قىلغاندىن كىيىن، مەيلى قايسى ياش مەزگىلىدە بولمىسۇن، ھەرقاچان ئىرىگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ؛ تويدىن كىيىنكى ھەربىر مەزگىللەردىكى روھى ھالىتى ئوخشىمايدۇ خالاس.
   1. دەسلەپ باشلانغان ۋاقىتتا، مۇھەببەتكە قارىتا گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا تولغان بولۇپ، ئىرىنىڭ ئۆزىگە كۈيۈنىشىنى، يول قويىشىنى، كەڭ قوساق بولىشىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا خالىغانچە ئەركىلىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   2. بالىسى بار بولغاندىن كىيىن، ئىرى بىلەن بىللە ياخشى ئاتا-ئانا رولىنى ئۆتەپ، ئانا بالىغا مۇلايىملىقنى، ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايىدىللىقنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى ئۆگىتىدۇ؛ دادا بولسا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولۇش، جاسارەتلىك بولۇش دىگەنلەرنى ئۆگىتىدۇ.
   3. ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بىرلىكتە بالىنىڭ ئۆگىنىش، ئىگىلىك، تويلىشىش قاتارلىق چوڭ ئىشلىرىغا قارىتا پىلانلاش ئېلىپ بارىدۇ.
   4. ياشانغان ۋاقىتتا، ئىرىگە تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بالا چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇپ بولغان، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىكى ۋە ئائىلىسى بار بولغاچقا، ئايال كىشىنىڭ يېنىدا، پەقەت ئىرىلا ھەمراھ بولۇپ قالىدۇ.
   ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ قول تۇتۇشۇپ ياشلىقتىن ياشانغۇچە بىللە ئۆتىشىدىن باشقا بەخىتلىك ئىش بولمىسا كېرەك.
   ئەركىشى بىلەن ئايال كىشى ئارىسىدا، مەيلى مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلار بولسۇن ياكى ئەر-خوتۇنلار بولسۇن، تۇرمۇشتا بەزىبىر مەسىلىلەرگە يولۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئايال كىشى ئەركىشىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزىشىگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، ئەركىشى ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىشتىن قەتئى ساقلىنىش كېرەك؛ بولمىغاندا، ئايالىڭىز بەلكىم سىزنى بۇ ئىش ئۈچۈن بىۋاستە ئەيىبلەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئايال كىشىنىڭ توي تۇرمۇشىغا بولغان قىزغىنلىقى بارغانسىرى سۇسلاپ يوقاپ كىتىدۇ.

كەچتە ئالما يىيىش ئاشقازانغا زىيانلىقمۇ

ئالما، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتام

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى "تۈكلۈك ئوغۇل" توي قىلدى

بۇيىل 42ياشقا كىرىپ قالغان يۈ جېنخۇەن، مىكروبىلوگدا ئۆزىنىڭ توي خەۋرىنى ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويلىشىش گۇاھنامىسىنىڭ رە

ئەر-خوتۇنلار بۇ ئۈچ نەرسىنى ئورتاق بەھىرلىنىپ باقمىغان بولسا

ھازىرقى مۇھەببەت، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، رېتىمى تەدرىجى ھالدا تىزلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن ياش ئەر-خوتۇنلار، ھېچقانچىلىك

قايتا تويلاشقان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىك

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇر

دۇفۇنىڭ بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بىر مىنۇتتا ئۆگىنىۋالالايسىز

دۇفۇ، ئەڭ ئەرزان بولغان بىر خىل كالتسى تۇلۇقلاش ماتىريالى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ تۇرىمىز؛ بۇندىن باشقا، دۇفۇنى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号