ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، نىمىگە ھىساب؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5827:قېتىم كورۇلدى
   شۇنداق بىر نەرسە بار بولۇپ، ئۇ ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھەم قىممەتلىك؛ ئۇنىڭ بار بولغانلىقى سەۋەبىدىن، كىشىلەر ئۆزى ئىرىشمەكچى بولغان بارلىق نەرسىلەرگە ئىرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ؛ ئۇنىڭ بار بولغانلىقى سەۋەبىدىن، كىشىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ ھەم كۆڭلىدە ئويلىغىنىدەك ھاياتلىققا ئىرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ نەرسە، دەل ۋاقىتتۇر.
   ئاشىق-مەشۇقلار ئارىسىدا، بەزىلەر ھەمىشە "مىنىڭ سىزگە ھەمرا بولۇشقا ۋاقتىم چىقماسلىقى، ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسىنى دەپ تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈندۇر، سىز مىنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ھەمدە يولسىزلىق قىلىپ مىنى خاپا قىلماسلىقىڭىز كېرەك" دەيدۇ. لېكىن مۇھەببەت جەريانىدا، سىزنىڭ ھەمرا بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلغانلىق، يولسىزلىق قىلغانلىق ھىسابلىنامدۇ؟
   شۇنداق، بەزىلەر قىممەتلىك سوۋغاتقا ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆي ۋە ماشىنىدىن غەم قىلماسلىقنى ئويلايدۇ، بەزىلەر بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزىلەر، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە سەۋرچانلىق بىلەن ھەمرا بولۇشىنىلا كۈتىدۇ. مۇھەببەت جەريانىدا، ۋاقىت، ئىككەيلەن ئارىسىدا ئەڭ مۇھىم ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇ بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ، بەزىدە يەنە، بىر بۆلەك مۇھەببەتنى خورىتىپ تۈگىتىۋىتەلەيدۇ.
   مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولماڭ، ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ جۆرىڭىزگە ھەمراھ بولۇڭ. قارشى تەرەپنى يولسىزلىق قىلىۋاتقاندەك ئويلاپ قالماڭ، ئۇنى مىنى چۈشەنمىدى دەپمۇ قاراپ قالماڭ؛ چۈنكى، سىز ئۆزىڭىزچە ۋاقتىمنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ئىشلارغا، ئىگىلىكىم ئۈچۈن تىرىشىشقا ئىشلەتتىم دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزنى ساقلاۋاتقان بولىدۇ. كىمنىڭ ۋاقتى قىممەتلىك ئەمەس، كىمنىڭ ۋاقتى ئىسراپ بولۇپ خوراپ كەتكەندىن كىيىن يەنە قايتا تۇلۇقلىنىپ كىلەلەيدۇ؟ ھېچكىم بۇنداق قىلالمايدۇ.
   ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزگە ھەمرا بولۇشنى خالىغان ئۇ ئادەمنى قەدىرلەڭ.
   ئۇنىڭ ھەمراھلىقىنى رەت قىلماڭ، سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلغان ئادەمنىمۇ رەت قىلماڭ. بۇ ھەمراھلىقلارنىڭ كەم قېلىشىنىڭ، ئۇ ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى سىز مەڭگۈ بىلمەيسىز؛ بۇ ھەمراھلىقلار كەم بولۇپ قالسا، ئوتتۇرلۇقۇڭلاردىكى مۇھەببەتنىڭ يەنە كىيىنلىكى بار يوقلۇقىنى، سىز مەڭگۈ بىلەلمەيسىز.
   ھەممەيلەن، ھەمرا بولۇش ئاندىن ئەڭ تەسىرلىك كۆڭۈل ئىزھار قىلىش دىيىشىدۇ؛ ئۇنداقتا، بۇ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنى ھازىردىن تارتىپ باشلاڭ، ھەرگىز كەينىگە سوزماڭ.
   بەزى كىشىلەر، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش بىر ئادەمنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ؛ بىراق، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش، يەنە ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى. مەيلى كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئوبىكتى كۆڭۈلنى قوبۇل قىلسۇن ياكى رەت قىلسۇن، چوقۇم بۇ جەريانغا قاتنىشىشى كېرەك؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بۇ ئوبىكتنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى قانداقمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىلى بولسۇن؟
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، كۆڭۈل ئىزھار قىلغان تەقدىردىمۇ، ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ئازدۇر-كۆپتۇر كۆڭلى بارلىقىنى ھىس قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئاندىن ئىزھار قىلىنىدۇ؛ بولمىسا، رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ كىتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ھەمراھ بولۇشنى ئەڭ تەسىرلىك كۆڭۈل ئىزھار قىلىش دەپ قارىغان سىز، يەنە كىيىنلىكنى ساقلامسىز؟
   قارشى تەرەپ سىزنىڭ ھەمراھ بولۇشىڭىزغا ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭ يېنىدا يوق؛ سىز ئويلىغان كىيىنكى ۋاقىتقا كەلگەندە، سىز يەنە ئۇنىڭ سىزنىڭ ھەمراھ بولىشىڭىزغا ئىھتىياجلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالامسىز؟
بۇنىڭ جاۋابى، شۈبھىسىزكى، سىز بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز.
   ھەمراھلىق بولمىغان مۇھەببەت، مۇھەببەت ئەمەس، ئۇ پەقەت قۇرۇق بىر ۋەدە خالاس. ئادەمگە ئىللىقلىق ھىس قىلدۇرالمىغان، شىرىنلىك تۇيغۇسىمۇ بىرەلمىگەن بۇنداق مۇھەببەتتە، ئازاپلىنىش، قىينىلىش، ئامالسىز ھىس قىلىشتىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号