ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
   ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، سىز بەلگىلىك تاكتىكىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، پەقەت بىر تەرەپلىمە ھالدا بەدەل تۆلەشنىلا بىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قالالمايسىز. بىر ئەركىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئىزچىل تۈردە قارشى تەرەپكە خۇشامەت قىلىپ ئۆتۈش ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكىلەردەك قىلىشتۇر.
ئەركىشىگە بەك قىزغىن بولۇپ كەتمەڭ
   ئايال كىشى ئىزچىل تۈردە ئەركىشىنى چۆگىلەپ كىتەلمەي قالسا، ئەر كىشىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ؛ ئەرلەر بۇنداق ئايال كىشىنىڭ قىممىتى يوق، قەدىرلەشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. سىز ئەركىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسىرى، ئەركىشى سىزدىن شۇنچە بەك قېچىپ، سىزدىن زىرىكىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بىر يەرگە بارغان بولىدۇ.
   قانداق ئايال كىشى ئەركىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مەھكەم ئەسىر قىلىۋالىدۇ؟ بەلگىلىك دەرىجىدە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش. ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى "ئايال ئىلاھ"لارنىڭ ھەممىسى، بىر خىل يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان سۇغۇق مىجەزلىك كىلدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز بەك قىزغىن بولۇپ كەتسىڭىز، ئۇنداقتا ئەركىشىنىڭ كۆڭلىكى "ئايال ئىلاھ"قا ئايلىنالمايسىز.
   ئەركىشى سىزنى قەدىرلىمىسە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ. سىز ئەركىشىگە سۇغۇقراق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئەرلەر ئاندىن سىزتەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ، ئاندىن سىزگە "مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ" دەپ ئېيتىدۇ.
ئەرلەرگە "ياق" دىيىشنى ئۆگىنىڭ
   ئەركىشىنىڭ سىزگە نىمە دىيىشىدىن قەتئىنەزەر، سىز ئەركىشىگە "ماقۇل"لا دىسىڭىز، ئەركىشى سىزنى يەنە ھۆرمەت قىلامدۇ؟ ئۇ يەنە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى سورامدۇ؟
   ئەركىشىگە قارىتا "ياق" دىيىشنى ئۆگەنسىڭىز، ئەركىشى سىزنى چوڭ كۆرۈپ، سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، سىزنى ئاچچىقلاتمايدۇ.  شۇڭا، ئەركىشىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، ئۇلارنى رەت قىلىشنى ۋە ئۇلارغا "ياق" دىيىشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كىرەك.
بەك ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ كەتمەڭ
   ئايال كىشى بەك ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ كىتىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئەر كىشىگە ئېغىرىنى سالماي ئۆزىلا بىتەرەپ قىلىپ ئۆتسە، ئەركىشى ئۇنىڭ قەدرىنى قىلمايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشى مەسىلىنى ئەركىشىگە ئېيتمىسا، ئەركىشى ئۇنىڭ قانداق مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقىنى بىلمەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
   شۇڭا، ئايال كىشى بەك ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ كەتمەسلىكى، مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىلا ساقلىۋىلىپ، ئۆزىنى ئۇۋالچىلىق تارتقۇزۇپ قويماسلىقى كېرەك. مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، بۇنى ئەركىشىگە ئېيتىڭ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەل قىلىڭ. سىلەر بىرلىكتە بەزىبىر ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن، بىر-بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدە ساقلىنىپ، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببىتىڭلار بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
   ئەركىشىنى مىنى ياخشى كۆرسىكەن دىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن قالغان ئۆمرۈمنى بىللە ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىسىڭىز، ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش كۆرۈشتىن ساقلىنىڭ. ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ھەمىشە ئۇنى چۆگىلەپ كىتەلمەي قالسىڭىز، ئۇ نىمە دىسە شۇنىڭغا كۆنسىڭىز، ئەركىشى سىزنىڭ قەدىرىڭىزنى قىلمايدۇ.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، سىز بەلگىلىك تاكتىكىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، پەقەت بىر تەرەپلىمە ھالدا بەدەل تۆلەشنىل

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

"قوش 11"نىڭ سىھرىي كۈچى راستتىنلا شۇنچە يۇقىرىمۇ؟

نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە ل

ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号