ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5711:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر گەرچە ئەر ئاياللار باراۋەرلىكى تەرغىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەردىكى "ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيىسى" يەنىلا مەۋجۇت. نۇرغۇن كىشىلەر، كىلىنىنى ئوغۇل تۇغقۇچە تۇغىسىز دەپ تەلەپ قويۇپ، ئايال تەرەپكە ناھايىتى ئېغىر بېسىم بىرىدۇ. بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئاماللارنى ئويلاپ چىقىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە، دەل مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى سۆزلەپ بىرىمىز.
   لىيۇشى ئەر-خوتۇن، ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، ئۇ ئىزچىل تۈردە قىز تۇغقان ھەمدە بۇ سەۋەبلىك كەنتتىكىلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىغان. لېكىن، لىيۇ ئەپەندىمنىڭ ئايالى ۋېي خانىم ياشقا چوڭۇپ قالغان بولغانلىق سەۋەبىدىن قايتا بالا تۇغالمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇ ئىرىنىڭ پۇل خەجلەپ باشقا ئايالدىن بىرنىڭدىن بالىلىق بولۇشىغا يول قويغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق لىيۇ ئائىلىسىنىڭ ئوتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان.
   بۇ ۋاقىتتا، مۇ فامىلىلىك ئايالدىن بىرسى، ۋاكالىتەن ھامىلدار بولغۇچى ئانىلىققا تاللانغان. مۇ خانىم ئەسلىدە بۇنىڭغا قوشۇلمىغان، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمدى ئىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، باشقا ئىقتىسادى كىرىمى بولمىغان ھەمدە ئانىسى راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى. لىيۇ ئەپەندىم ئۇنىڭغا، ئەگەر ئوغۇل بالىدىن بىرنى تۇغۇپ بەرسە 200مىڭ يۈەن پۇل بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن مۇ خانىم، لىيۇ ئەپەندىمنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان. لېكىن، بۇ 200مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمىغان؛ بۇ نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ ئىككى قېتىم ھامىلدار بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھامىيلە ئوغۇل بولمىغانلىقتىن، ئۇ ھەر ئىككى قېتىمدا بالىنى چۈشۈرۋەتكەن. بۇ ئەھۋال مۇ خانىمغا ئېغىر كىلىپ، بۇنداق كېتىۋىرىشتىن يالتىيىپ،     لىيۇ ئەپەندىمدىن 200مىڭ يۈەننى بىرىشىنى تەلەپ قىلغان. لىيۇ ئەپەندىم بۇنى ئەلۋەتتە رەت قىلغان.
مۇ خانىم بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كەتكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەچچە يىللىق ياشلىق باھارى بىكارغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، بۇنى ئاز دەپ جىسمانىي جەھەتتىنمۇ زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇ خانىم لىيۇ ئەپەندىمدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ، ئىلگىرىكى ئىرى بىلەن يارىشىۋالغان ھەمدە ئىلگىرىكى ئىرىدىن ھامىلدار بولغان. مۇ خانىم بۇ ۋاقىتتا لىيۇ ئەپەندىمنى ئىزدەپ بېرىپ، قورسىقىدىكى بالىنى لىيۇ ئەپەندىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداق قىلىپ، مۇ خانىم تۇغقاندىن كىيىن، ئىرىدىن يۇشۇرۇنچە بالىسىنى لىيۇ ئەپەندىم ئەر-خوتۇنغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بىراق ئۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بالىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىرىدىن يۇشۇرۇپ قالالماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان. نەتىجىدە، مۇ خانىمنىڭ ئىرى بالىنى قايتۇرۋالماقچى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەر قىلىشقان.
    بۇ دىلونىڭ نەتىجىسى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم؛ لېكىن بۇ جەريان، بىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشىمىزغا يىتەرلىك. بالا مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، پەقەت ساغلام ھەم خۇشال چوڭ بولسىلا ۋە كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولسا، ئوخشاشلا ئەزىزدۇر. شۇڭا، كونىلىقنى بالدۇرراق تاشلاپ، "ئوغۇل بالىنى قەدىرلەپ قىز بالىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىدىيىنى" كاللىمىزدىن ئۈزۈل كېسىل چىقىرۋەتمىكىمىز لازىمدۇر.

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىكلەر

ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق

تاماق يىيىشتىن راك كېسەللىكىنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ

راك كېسەللىكى، ھەمىشە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان "باش جىنايەتچى" دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. راك كېسەللىكى تىلغا ئېلىنسا، كى

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار

ئادەم ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان ۋاقىتتا، بەدەندىكى قان ئايلىنىش نىسبەتەن ئاستا بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى "توسۇپ

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号