ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاياللار 40ياشتىن ئېشىپ كەتكەندىن كىيىن ھامىلدار بولالىش نىسبىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاياللار 50ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ھەتتا قايتا تۇخۇممۇ ئىشلەپ چىقارمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىلگىرى 60ياشلىق بىر ئايال پىروبىركىدا يىتىلدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ھامىلدار بولۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ياش مەزگىلىدە تەبىئى ھالەتتە ھامىلدار بولغان مىسال تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلدار" بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا قورسىقىدىكى "ھامىيلىگە" قىرىق يىل بولغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى 10 ئاي تۇرسا، ئۇنداقتا بۇ موماينىڭ قورسىقىدىكى "40يىللىق ھامىيلە" زادى قانداق ئىش؟

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ موماي ھىندىستانلىق بولۇپ، بۇ يىل 73ياشقا كىرگەن. بۇ ئايال ياش ۋاقتىدا ئىرى ئۆلۈپ كىتىپ، ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان. ھازىر بالىلىرىمۇ چوڭ بولۇپ، ئەمدى بالىلىرىنىڭ ھالىۋىتىنى كۆرىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، موماي بالىلىرىغا تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان؛ موماي ئادەتتە ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولغاچقا، بالىلىرى ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىشىغا ئىشەنمىگەن ھەمدە ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان.
بىراق، موماي ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قورسىقىدا بالا بارلىقىدا چىڭ تۇرغان ھەمدە ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى سىزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاخىرىدا بالىلىرى ئۇنىڭ تېنىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەن. ئويلىمىغان يەردىن، دوختۇر موماينى Bتىپلىق ئولتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرگەندىن كىيىن ھەيران قالغان؛ چۈنكى، موماينىڭ بالياتقۇسىدا ھەقىقەتەن بىر نەرسە بارلىقىنى بايقىغان. دەسلىۋىدە دوختۇر بۇ نەرسىنى ئۆسمە ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان؛ بىراق قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، موماينىڭ بالىياتقۇسىدىكى بۇ "نەرسىنىڭ" قاتتىق پارچە ئىكەنلىكى، تەركىبىدە يەنە تېخى سۆڭەك ئورگانىزىملىرىنىڭ بالىقىنى بايقىغان.

دوختۇرلار كۆپ تەرەپلىمە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭ بىر ھامىيلە ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئېلىۋىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىكىتىپ چىققان. موماينىڭ بالىلىرى بۇ ھەقىقەتكە ئىشىنەلمەي قالغان بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا، ئوپراتسىيە قىلىشقا قوشۇلۇشتىن باشقا ئامالى بولمىغان. نەچچە سائەتلىك ئوپراتسىيەدىن كىيىن، دوختۇرلار موماينىڭ قورسىقىدىن قوش مۇش چوڭلۇقىدىكى "ھامىيلىدىن" بىرنى ئالغان؛ بۇ "ھامىيلە" پۈتۈنلەي تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقنىڭ ئاساسلىق سىرتقى شەكىل ئىزنالىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر كۆرىۋىلىشقا بولاتتى.
دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە، بۇ "ھامىيلە" موماينىڭ قورسىقىدا ئاز دىگەندىمۇ 40يىل ساقلانغان بولۇپ، موماي بەلكىم ياش ۋاقتىدا ھامىلدار بولغان؛ ئەمما ئاخىرىقى نەتىجىدە ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىپ يىتىلىشتىن توختاپ قالغان ھەمدە بەدەننىڭ ئىممونت سېستىمسى تەرپىدىن "سىرتتىن كەلگەن ماددا" دەپ قارىلىپ، بىر قەۋەت قوغداش تالاسى ئىچىگە ئېلىنىپ چەتكە قېقىلغان ۋە ئاخىرىدا كالتسىيلىشىپ تاشقا ئايلىنىپ قالغان. موماينىڭ يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بالىياتقۇسىدىمۇ قېرىش ئالامىتى كۆرۈلگەن ھەمدە بۇ "ھامىيلىنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بىرىپ بولالمىغان؛ شۇڭلاشقا موماي يېشى چوڭايغانسىرى قورسىقىدا بىر نەرسە باردەك ھىس قىلىشقا باشلىغان.

ئاخىرىدا، موماي بۇ "ھامىيلىنى" ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن ھەمدە ئۇنى كارۋىتىنىڭ تىگىگە كۆمۈۋەتكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ "بالا" ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ئەگەشكەن، شۇڭا ئۇ ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشنى خالىمىغان ئىكەن. دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موماينىڭ بالىياتقۇسىدىن چىققان بۇ ھامىيلە "تاش ھامىيلە" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن بەك تۆۋەن ئىكەن؛ چۈنكى، ئادەتتە ھامىيلە يىتىلىشتىن توختاپ قالغاندىن كىيىن، چۈشۈپ كىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىدىكەن. "تاش ھامىيلە" ئادەتتە گەرچە ئانا تېنى جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، ئەمما ئانا تېنى قايتا ھامىلدار بولالمايدىكەن.