تاماق يىيىشتىن راك كېسەللىكىنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   راك كېسەللىكى، ھەمىشە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان "باش جىنايەتچى" دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. راك كېسەللىكى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ. لېكىن شۇنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەككى، راك كېسەللىكى تويۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن ئالدىن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
   كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كىشىلەرنىڭ تاماق يىيىش ھالىتىدىن، راك كېسەللىكى خەۋىپى بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
   كىشىلەردە تۆۋەندىكى نەچچە خىل ئىپادىلەر كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، بىز بۇنىڭغا قارىتا دىققىتىمىزنى قوزغىشىمىز لازىم.
تۇيۇقسىزلا ئىشتىھا تۇتۇلۇش
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئادەتتە ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى كېلىدۇ، لېكىن تۇيۇقسىز بىر كۈنلەردە ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ بىر نەرسە يىيىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالسىڭىز ھەمدە بەدىنىڭىزدە ماغدۇرسىزلىنىش كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشقازان راكى، جىگەر راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىشتىھا تۇتۇلۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
كۆرۈنەرلىك دەرىجىدىكى ياندۇرۇش ئالامىتى
   كىشىلەرنىڭ تونۇشىدا، پەقەت ھامىلدار ئاياللارلا بىرەر نەرسە يېگەن ۋاقىتتا قۇسۇپ ياندۇرىدىغان كېلىدۇ. لېكىن، ئەگەر ئادەتتىكى بىر ئادەمدىمۇ، نورمال ئۇزۇقلىنىش جەريانىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدىكى ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن.
يۇتۇش تەسكە توختاش
   نۇرغۇن كىشىلەر، گېلى ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا يېمەكلىكلەرنى يۇتالماي قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئەگەر نورمال ئەھۋال ئاستىدىمۇ يېمەكلىكلەرنى يۇتۇش قىيىن ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەتتا كۆكرەك سۆڭەكنىڭ ئارقىسىغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولسا، ئۇنداقتا، بۇ بەلكىم يۇتقۇنچاق راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
قورساق قىسىم كۆپۈش
   كىشىلەر تاماق يېگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىزلا قورساق قىسىمىدا ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم ھەزىم قىلىش يولى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئارامچىلىق بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئاشقازان راكى ياكى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号