بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى ۋە شەكىللىنىش سەۋەبلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8193:ئادەم ئۆگەندى
    بالىياتقۇ ئۆسىمىسى گەرچە ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولسىمۇ، ئەمما ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا، ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى زور زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئەگەر ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي دىسىڭىز، ئۇنداقتا بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بالىياتقۇدا ئۆسمە پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى بىلىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
 
بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك كىسەللىك ئالامەتلىرى
1. ھەيىز بىنورمال بولۇش
    بالىياتقۇ ئۆسمىسى، ھەيىز كۆرۈش ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ؛ مەسىلەن ھەيىزنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كىتىش ياكى ۋاقتى ئۇزىراپ كىتىش قاتارلىق؛ بۇ بالىياتقۇدىكى ئۆسمە بارغانسىرى چوڭۇپ كىتىپ بارغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىياتقۇنىڭ ھەجىمىمۇ يوغىناپ، بالىياتقۇ بوينى پەردىسىنىڭ يۈزى قېلىنشىپ كىتىدىغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ھەيىز مەزگىلىدە چۈشىدىغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيىز كۆرۈش مەزگىلى ئۇزىرايدىغان ھەمدە مىقدارى كۆپىيىدىغان ئالامەتلەر كۆرلىدۇ. ئادەتتە ھەيىز كۆرۈشتە بىنورماللىق پەيدا بولۇشى، كۆپىنچە چاپلاشقاق پەردە ئاستىدىكى ياكى بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارى ئاستىدىكى ئۆسمە تەرپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولىدۇ.
2. تۇغماسلىق
    تۇغماسلىقمۇ بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكى بولۇپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %30قىسمىدا تۇغماسلىق ئەگەشمە كىسەللىكى كۆرلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدا بولۇش تەس بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ مەسىلىسى ياكى ئەمەسلىكىنى ئويلىشىپ بېقىش كىرەك.
3. قورساقنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا ئىششىق پەيدا بولۇش
    بالىياتقۇ ئۆسمىسى بىمارلىرىنىڭ ئۆسمە پەيدا بولىدىغان ئورۇن ئوخشاش بولمايدۇ؛ بەزى بالىياتقۇ ئۆسمىلىرى ئاستىنقى قورساق قىسىمدا كۆرلىدىغان بولۇپ، ئۆزىمىز سىيلاپ باقساق، ئىششىق بارلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر ئەتىگەن ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، يەنى دوۋساق توشقان ۋاقىتتا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولىدۇ. ئەگەر ھەمىشە بۇ خىل ئىششىقنى سىيلاپ بىلىشكە بولسا، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەيىزدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئېھتىماللىقنى ئويلىشىش كىرەك.
4. بېسىلغاندەك ھىس قىلىش
    بالياتقۇ ئۆسمىسى بالىياتقۇنىڭ ئاستىن تەرپىدە شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلىك دەرىجىدىكى بېسىلىشقا ئۇچرىغاندەك سىزىم پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بالىياتقۇ ئۆسمىسى دوۋساقنى بېسىۋالسا سۈيدۈك چىقىرىش تەسكە توختايدىغان ئالامەت كۆرلىدۇ؛ ئەگەر تۈز ئۈچەينى بېسىۋالسا چوڭ تەرەت چىقىرىش تەسكە توختايدىغان ئالامەت كۆرلىدۇ. بۇندىن باشقا بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسىنىمۇ بېسىۋىلىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ ئەھۋال بەل قىسىم ئېچىشىپ ئاغرىش ۋە بۆرەك ئىقتىدارى بىنورماللىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
1. يېشى
    40 ياش بالىياتقۇ ئۆسمىسى پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھەيىز توختاش مەزگىلىگە يېقىنلىشىپ قالغان بولغاچقا، تۇخۇمدان ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ ھەمدە تۇخۇم يەتكۈزۈش ئىقتىدارىدا غەيرىلىك كۆرۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ؛ ئەمما بۇ مەزگىلدە ئاياللاردا 20-30يىل مابەينىدە يېغىلىپ قالغان ئاياللىق ھورمۇنى بار بولغاچقا، بەدەنگە قارىتا بەلگىلىك زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
2. سېمىزلىك
    ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەر 10كىلوگىرام ئېشىپ كەتسە، بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %20 ئېشىپ بارىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن بالىياتقۇ ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ.
3. تۇنجى قېتىملىق ھەيىز ۋاقتى بۇرۇن ياكى پەرزەنت يۈزى كۆرمەسلىك
    تۇنجى قېتىملىق ھەيىز كۆرۈش قانچىكى بۇرۇن باشلانسا، بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا بالا تۇغۇپ باققان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، بالا تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارىغاندا كۆرنەرلىك تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تۇغۇش قېتىم سانى ئاشقانسىرى، بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.
4. ساغلام بولمىغان يىمەكلىك ئىستىمال ئادىتى
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى، كۆكتات تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان توپقا قارىغاندا كۆرنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
5. روھى بېسىم ئېغىر بولۇش
   خىزمەت بېسىمى زىيادە ئېغىر، ئائىلە ئىناق بولماسلىق، ھەمىشە خامۇشلىشىش كەيپىياتىدا بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئىچىكى ئايلانمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەھۋالمۇ بالىياتقۇ ئۆسمىسىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号