تۇغۇت يولىدىن تۇغسا بولۇش بولماسلىقنى بۇ ئامىللار بەلگىلەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
   ھازىرقى زامان تىبابەت تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى؛ ئەمما، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش ھامىيلىگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار يەنىلا ئامال قىلىپ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىناپ باقماقچى بولىشىدۇ. لىكىن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا ماس كىلىدىغان ئەمەس. ئادەتتە، ھامىلدار ئايال تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا ماس كىلەمدۇ يوق، بۇنى تۆۋەندىكى ئامىللار بەلگىلەيدۇ.
ھامىلدار ئايالنىڭ يېشى
   تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشتا، ھامىلدار ئايالنىڭ يېشىغا قارىتا بەلگىلىك تەلەپ بار بولۇپ، كىلىنكىدا قارىلىشىچە، 29-25ياش ئارىسىدىكى ئاياللار تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا بىرقەدەر ماس كىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ يېشى 35ياشتىن چوڭ بولسا، ئۇنداقتا ياشقا چوڭ ھامىلدار ئاياللار دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ئەھۋالى
   ھامىلدار بولغانلىقىنى بايقىغاندىن باشلاپ، ھامىلدار ئايال قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرىشى كىرەك؛ بۇنداق قىلىش، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈنلا بولۇپ  قالماي، يەنە مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا بىتەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن، ھامىيلە ئورنى ئوڭ ئەمەس، كىندىك بېغى ھامىيلە بوينىغا يۆگىلىپ قالغان دىگەنگە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا مۇناسىپ چارىلارنى قوللىنىيپ، ھامىيلىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئالدىدا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرمىغان بولسا، دوختۇلار كونكىرتنى ئەھۋالغا ھۆكۈم قىلالماي قالىدۇ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش قىلىش لازىم بولىدۇ.
ھامىيلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى
   ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال يىمەك-ئىچمىكىنى كونتىرول قىلمىسا ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلى دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ھامىيلە زىيادە يوغىناپ كىتىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايال بالىنى تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشقا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق زىيادە يوغىناپ كەتكەن ھامىيلىنىڭ باش قىسمى چوڭ بولۇپ، ئاسانلىقچە تۇغۇت يولىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدۇ؛ ئەگەر بۇ سەۋەپلىك تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك خەۋىپى تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋالدا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھامىيلە ئورنى
   ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت مەزگىلى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا، ھامىيلىنىڭ باش قىسمى داس سۆڭەك بوشلۇقىغا كىرىپ، تۇغۇلۇش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ. ئەگەر ھامىيلىنىڭ ئورنى بىنورمال بولسا، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇت قىيىنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئېغىر بولغاندا ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇغۇت يولى ئەھۋالى ۋە تۇغۇت كۈچى
   تۇغۇت يولى، ھامىيلىنىڭ بۇ دۇنياغا يىتىپ كىلىشتىكى ئۆتكۈنچى يولى بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە شەكلى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر تۇغۇت يولىدا بىنورماللىق بار بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇت جەريانىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
   تۇغۇت كۈچى بولسا، بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنىڭ يېغىلىپ قورۇلۇش كۈچىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ يېغىلىشى ئارققىلىق ھامىيلىنى بالىياتقۇ ئىچىدىن سىقىپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر تۇغۇت كۈچى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا تۇغۇت ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.
   دىمەك، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى بىز بەلگىلىيەلمەيمىز، بەلكى دوختۇرلارنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغاندىن كىيىن مۇناسىپ قارار چىقىرىشى ۋە تەكلىپ بىرىشى لازىم بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号