ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5807:قېتىم كورۇلدى
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.
خەيدەي
   خەيدەي گەرچە ھامىلدار ئايالغا يۇد تۇلۇقلاپ، ھامىلدار ئايالدا يۇد كەمچىل بولۇش سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالىسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئايال قوبۇل قىلغان يۇد بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھامىيلىنىڭ قالقانسىمان بېزىنىڭ يوغىناپ كىتىش خەۋىپى كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خەيدەي ئىستىمال قىلىش مۇۋاپىق بولۇش، بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك.
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى
   كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى ئاددى ئۇسۇلدا قورۇپلا ئىستىمال قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدىكى بەزىبىر زىيانلىق ماددىلار ھامىلدار ئايالغا قارىتا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىيلىنى زىيانلىق تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.
كۈدە
   ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى نىسبەتەن ناچارلىشىپ قالىدۇ؛ شۇڭا كۈدە يىگەندە ئاسانلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۈدىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قاننى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار كۈدىنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلسا، ئاسانلا ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش خەۋپى تۇغۇلۇپ قالىدۇ.
يۇمغاقسۈت
   ئىشىنىمەنكى، يۇمغاقسۈتنى كۆپ قىسىم ئاياللار ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ؛ بىراق، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، يۇمغاقسۈتنىمۇ ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك. يۇمغاقسۈتنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، بالىياتقۇدا كۈچلۈك تارىيىش پەيدا قىلىپ، بالىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بالا چۈشۈپ كىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号