بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
   بوۋاقلار كۆپرەك دۈم يېتىپ  بەرسە، ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار بولىدۇ:
   1. ياپىلاق باش بولۇپ قېلىشىنىڭ ياكى باش قىسىمىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   2. بوۋاقنىڭ قورسىقىنىڭ ئىسىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   3. مۇسكۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق.
   دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىسىمى، بويۇن، مۈرە ۋە بەل قورساق قىسىملارنىڭ مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشقا بولىدۇ.
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ دۈم ياتىدىغان ۋاقتى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلار بېشىنى شۇنچە تېز تىكلەپ، ئۆزى بىمالال ئۆرۈلەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل ھالدا ئولتۇرالايدىغان بولىدىكەن.
   ئەكسىچە، دۈم ياتماي ئوڭدىسىغا يېتىۋالىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى كىچىكىپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇسكۇللىرى چېنىقىشقا ئىرىشەلمەيدىكەن. شۇڭلاشقا، دۈم يېتىش بوۋاق بالىلارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ يېرىم ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
   قانچىلىك ۋاقىت دۈم يېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، 3-0ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ھەر قېتىملىق دۈم يېتىش ۋاقتى 10-1مىنۇت ئارىسىدا بولسا بولىدۇ؛ 4-3ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 20مىنۇتتىن يۇقىرى دۈم يېتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ 4ئايلىقتىن كىيىنكى بوۋاقلار، يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە دۈم يېتىپ بىرىشى كېرەك.
   قايسى ۋاقىتتا دۈم يېتىشتا، ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە، بوۋاقنى دۈم ياتقۇزۇپ قويساق، ئۇلارنىڭ سۈتنى ياندۇرىۋىتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号