بۇ خىل ئاياللارنىڭ قوشكېزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7022:ئادەم ئۆگەندى
   سىز دىققەت قىلدىڭىزمۇ يوق، ھازىر قوشكىزەك تۇغۇدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى؛ ناگاندا بىر كوچا ئايلىنىشقا چىقىپ قالسىڭىز، كوچىدا ئوخشاش جۈپتەك كىيىم كىيىپ كىتىپ بارغان قوشكىزەك ئوماقلارنى ئۇچرىتالايسىز.
   قوشكىزەك تۇغۇدىغانلارنىڭ بۇنداق كۆپىيىپ كىتىشى، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى پىروبىركىدا ھامىيلە يىتىلدۈرۈشنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىروبىركىدا ھامىيلە يېتىلدۈرگەندە، قوشكىزەك، ھەتتا كۆپكىزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، تۆۋەندىكى نەچچە خىل ھامىلدار ئاياللارنىڭمۇ، قوشكىزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
جەمەتىدە قوشكىزەك تۇغۇش تارىخى بار بولغانلار
   قوشكىزەك تۇغۇشتىمۇ ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرى بار بولۇپ، ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ جەمەتىدە، بولۇپمۇ ئايال كىشى جەمەتىدە قوشكىزەك تۇغۇش تارىخى بار بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بىراق، بۇ چوقۇم قوشكىزەك تۇغىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا قارىغاندا ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دورىسى ئىچكەن ئاياللار
   ئاياللار ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، بەدىنىدە بەزىبىر كېسەللىك ئامىللىرى ساقلانغانلىق سەۋەبىدىن، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دورىسى ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل دورىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىچسە، ھامىلدار ئايالدا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش بىنورمال بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككى تۇخۇم، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ ساندىكى تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قوشكىزەك بالىغا ھامىلدار بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ ياش مەزگىلى
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئايال كىشىنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا، قوشكىزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن؛ تۇغقان قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسىمۇ، قوشكىزەك تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
   قوشكىزەك تۇغۇش گەرچە خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئايال كىشى قوشكىزەككە ھامىلدار بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنى تېخىمۇ كۆپ بىئاراملىققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قوشكىزەك تۇغۇش تۇغماسلىقنى زورىغا تەلەپ قىلماي، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەن ياخشىدۇر. قوشكىزەك تۇغۇمەن دەپ، سۈنئى ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ بولمىسا، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز يوق يەردىن جاپا ۋە ئازاپ تېپىۋالىسىز.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号