ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
   ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى قىچىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار قولىدا قورسىقىنى تاتىلاش ئارقىلىق قىچىشىشنى پەسەيتمەكچى بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس بولۇپ، بەزىدە ھەتتە قورساقتىكى ھامىيلىگە زەخمە يەتكۈزۈپ قويىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىيلىنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا، ئۈنۈمى بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىيلىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
تەر چىققاندا تەرنى ۋاقتىدا سۈرتىۋىتىش
   ئادەتتە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا يۇقىرىراق كېلىدۇ؛ بۇنىڭغا قورسىقى يوغىناپ بەدەننىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىشى قوشۇلۇپ، ھامىلدار ئايال ئازراقلا مىدىرلىسا تەرلەپ كېتىدۇ. ھامىلدار ئايال تەرلىگەندىن كېيىن، تەر سۇيۇقلۇقى قورساق تىرىسىدا توختاپ قۇرىسا، ھامىلدار ئايال قورسىقى قىچىشقاندەك ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا قورسىقىنى تاتىلاپ بىرىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋالدا، قوساقنىڭ تىرىسى قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال تەرلىگەندىن كىيىن، تەرنى ۋاقتىدا سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك. بۇندىن باشقا، ئادەتتە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ۋە بەك ئىسسىق جايلارغا بېرىشتىن ساقلىنىپ، تەر چىقىشنى ئىمكان قەدەر ئازلىتىش كېرەك.
ئىمكان بار كەڭرەك كېلىدىغان پاختا رەخت كىيىملەرنى كىيىش
   ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى يوغىناپلا قالماي، پۇت قوللىرىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغان توم بولۇپ كېتىشى مۇمكىن؛ تەخمىنەن ھامىلدارلىق 5-4ئېيىغا كەلگەن ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال ئىلگىرىكى كىيىملىرىنى ئاساسەن كىيەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا، قوسىقىنى سىقىپ قويماسلىقى ۋە بىئاراملىق ھېس قىلماسلىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ئىمكان بار كەڭرەك كىيىملەرنى تاللاپ كىيىشى كېرەك.
   بۇندىن باشقا، ئىمكان بار تەر سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى بولغان پاختا رەختلىك كىيىملەرنى تاللاش كېرەك. بۇنىڭدا، كىيىم كىچىك كەلگەنلىك سەۋەبىدىن قوساق سىقىلىپ قېلىش ھەمدە قوساق تىرىسىدا قىچىشىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ، ھەتتا ھامىيلىگە بولغان تەسىرىنىمۇ كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.
تىرىنى غىدىقلايدىغان ياكى تىرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئاز ئىشلىتىش
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تەر كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ يۇيۇنۇش قېتىم سانىمۇ كۆپىيىدۇ. يۇيۇنۇش جەريانىدا بولسا، بەزىبىر مەھسۇلاتلارنى(مەسىلەن، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن دېگەنگە ئوخشاش) ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلدار ئاياللار يۇيۇنۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەمما چوقۇم توغرا تاللاش كېرەك؛ ئەگەر مەھسۇلاتلارنى توغرا تاللىيالمىغاندا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ تىرىسى قىچىشىش ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن.
تىرىنىڭ زىيادە قۇرغاقلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللاردا مۇنداق بىر خىل تونۇش بار: ھامىلدار بولغاندىن كىيىن قورسىقىنىڭ تىرىسىدە قىچىشىش پەيدا بولسا، بۇنى ھامىلدارلىق قورۇقچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈپ، ھەمىشە بەزىبىر تىرىنى قۇۋۋەتلەپ ئاسرايدىغان مەھسۇلاتلارنى(مەسىلەن، تەبىئىي زەيتۇن مېيى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇقچە مەلھىمى قاتارلىقلار) سۈرۈپ بەرسە،  ھەمدە بۇ ئارقىلىق تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، تاۋۇزغا ئوخشاش "سىزىقچىلىرى بار قوساق" كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号