بۇ تۆت خىل ئەھۋالدا ھەرگىز ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5692:ئادەم ئۆگەندى
   بەزىلەر توي قىلىپ بولغۇچە قورساق كۆتۈرۈپ ھامىلدار بولىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا بالىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ-يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن، نەچچە يىل تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئاندىن قورساق كۆتۈرۈشنى پىلانلايدۇ. لېكىن، قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ساغلام بوۋاقتىن بىرنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇغۇش ئۈچۈن، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى، چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ھامىلدارلىق ئالدىدىكى تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى لازىم؛ بۇنىڭدا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ ياخشى ھالەت ئاستىدا قورساق كۆتۈرەلەيدۇ.
كۆپىيىش ئەزاسىدا ياللۇغ بار بولسا
   قورساق كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ ئەگەر ياللۇغلىنىش ئەھۋالى بار بولسا، دوختۇرلار ئادەتتە ياللۇغنى داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئاندىن قورساق كۆتۈرۈش تەكلىۋىنى بىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، چوقۇم دوختۇرنىڭ تەكلىۋى بويىچە ئىش كۆرۈپ ھامىلدار بولۇشقا ئالدىرماسلىق كېرەك؛ بولمىغاندا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم
   سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ئاسان كېسەل بولۇپ قالىدىغان ئاياللار، دورا ئىچىش مەزگىلىدە، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىلىرىنى چوقۇم ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ بولۇپمۇ بەزىبىر گورمۇن تۈرىدىكى دورىلار، ھامىيلىگە قارىتا زور دەرىجىدە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
   ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بەدەن سۈپىتى ۋە ئىممونت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، ھاراق-تاماكىنى تاشلىشى ۋە قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
   بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ياكى بالا ئالدۇرۋىتىشتىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھامىلدار بولماسلىق
   بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش، ئادەتتە تۇخۇم توشۇش نەيچىسى راۋان بولماسلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل كۈتۈنۈپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھامىلدار بولماق لازىمدۇر، بولمىغاندا يەنە قايتىدىن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بالا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋال بار بولسا، سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن باشقا، يەنە تىنچ يېتىپ ئارام ئېلىپ كۈتۈنۈش كېرەك، ئالدىراپ قايتىدىن ھامىلدار بولۇشقا بولمايدۇ.
قورساق كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش
   ھامىلدارلىق، بەزىدە راستتىنلا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سىز كېچە كۈندۈزلەپ كۈتكەن بالا، بەزىدە سىز ئۈمىد قىلىپ كۈتكەنسېرى يېتىپ كەلمەيدۇ. قورساق كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە، بەك ئالدىراپ كەتمەي، روھى كەيپىياتنى تەڭشەپ، تەقدىرگە بېقىپ ئىش كۆرسەكلا بولىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号