ھامىلدار ئايال كۈدە يىسە بولامدۇ؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6885:ئادەم ئۆگەندى
   كۈدە، مەيلى قانداق پەسىل بولمىسۇن، كۆكتات بازىرىدا ئاسانلا كۆزگە چېلىقىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرىدۇر. كۈدە جۇۋاۋىسى، كۈدە قاتلىمىسى، كۈدە كۆمىچى...كۈدىنىڭ گەرچە پۇرىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىنى يەنىلا توسۇپ قالالمايدۇ.
   لېكىن، ھامىلدار ئايال كۈدە يىسە بولامدۇ؟
   شۇنداق، يىسە بولىدۇ.
   چۈنكى ئۇ، ئۇزۇقلۇق ئامبىرى. ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كالتسىي، كاروتىن، ۋىتامىن C قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولۇۇپ، ھامىلدار ئايالغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشكە ۋە ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
   كۈدە تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، راك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەم قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ؛ شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈدە ئىستېمال قىلىشنىڭ بەلگىلىك پايدىسى بار.
   بىراق، كۈدىنىڭ بالىياتقۇنى غىدىقلاش، بالىياتقۇنىڭ يېغىلىپ تارىيىشىنى كۈچەيتىش رولى بار؛ شۇڭا ھامىلدار ئاياللار كۈدە ئىستېمال قىلغاندا، مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بىراقلا كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ.
   بۇندىن باشقا، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە كۈدە يىيىشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ئانا يىگەن يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى سۈتكە بارىدۇ. بۇنىڭدا، كۈدىنىڭ تەمى ئاچچىقراق بولغانلىق سەۋەبىدىن، بالىغا قارىتا تازا ياخشى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۈدە سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە كۈدە يىيىشكە بولمايدۇ.
   ھامىلدار ئاياللار كۈدە ئىستېمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
   1. كۈدىنى پىشۇرۇشتىن ئاۋۋال، پاكىزە يۇيۇش لازىم؛ بولۇپمۇ ئاسانلا دېھقانچىلىق دورىلى قالدۇقلىرى قالىدىغان يىلتىز قىسمىنى، قولايلىق شارائىت بولسا چوقۇم تۇز سۈيىگە چىلاپ يۇيۇش كېرەك.
   2. كۈدىنى خام يىيىشكە بولمايدۇ. كۈدىنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان كۆكتات بولۇپ، خام يىسەك ئاشقازان ئۈچەيگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە خام يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا مىكرو جانلىقلار ياكى پارازىنت قۇرتلارنىڭ ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا ئۇچرايمىز.
   3. كۈدىنى ھەددىن ئارتۇق يۇقىرى قىزىتىپ پىشۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا تەركىبىدىكى ۋىتامىنB بۇزۇغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
   4. كۈدىنى، كالا گۆشى، ھەسەل، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى، ئاق ھاراق، كالا سۈتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号