بوۋاقنى ئانا سۈتىدە ئۇزۇقلاندۇرۇش، تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر جەريان بولۇپ، بوۋاقنىڭ مۇستەقىللىك ئىدىيىسى تەدرىجىي يېتىلىدۇ، ئانا بولسا تەدرىجىي ھالدا چىكىنىپ چىقىدۇ. بوۋاق ئالتە ئايلىق بولغان ۋاقىتتا، گەرچە سۈت بوتۇلكىسى ياكى ئىستاكاندا سۈت ئىچەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇقلۇق جەھەتتە، بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ يەنىلا زىچ باغلىنىشلىقى بار بولىدۇ. ئانا سۈتى، يەنىلا بوۋاقنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان ئۇزۇقلۇق مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بوۋاق ئانا سۈتىنىڭ ياردىمىدە، ئاندىن تېخىمۇ تىز ئۆسۈپ-يېتىلەلەيدۇ؛ شۇڭا، بوۋاق 12-6ئايلىق بولغان مەزگىلدە، ئۇلار ھەرخىل قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى باشلىسىمۇ، ئەمما ئانا سۈتى يەنىلا، كۆپ قىسىم زۆرۈر بولغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، بوۋاقلار ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ لېكىن، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈش، پەقەت ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلىنغان بىر تەييارلىق جەريانى بولغاچقا، شۇڭا ئانا سۈتىنىڭ يىتەرلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بوۋاقنىڭ ھەرخىل ئۇزۇقلۇقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاق ئالتە ئايلىق ئەتراپتا بولغاندا، ئۇلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلىساق بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلىش تارىخى بار بولسا، ئۇنداقتا بوۋاققا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزگەندە، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان رىئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ساقلانماي بولمايدۇ؛ مەسىلەن، كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، خاسىڭ، قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك قاتارلىقلار. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، رىئاكسىيە قىلىشتىن قورققانلىق سەۋەبىدىن مەلۇم بىر يېمەكلىكنى قوشۇپ يىگۈزۈشنى كېچىكتۈرسەك، ئەكسىچە بوۋاقتا يېمەكلىك رىئاكسىيە قىلىش ۋە سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك رىئاكسىيە قىلىش خەتىرىنى ئاشۇرۋىتىدىكەن. ئەگەر بوۋاق رىئاكسىيە خاراكتېرىدىكى بەدەن سۈپىتى بولسا، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن، بوۋاقنىڭ يىڭى يېمەكلىككە قارىتا قىزىقىشى قوزغىلىدىغان ياكى قوزغالمايدىغانلىقىغا قاراش، كەينىدىن تەدرىجىي ھالدا، قوشۇمچە يېمەكلىكنى بىر خىل بىر خىلدىن قوشۇپ يىگۈزۈش كېرەك؛ ئەگەر رىئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى يېمەكلىكنى قوشۇپ يىگۈزۈشنى توختىتىش لازىم.
سەل چوڭراق بولغان بوۋاقلار، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىگناللارنى تارقىتىدۇ؛ مەسىلەن، كۆپ تايىنىۋالمايلا ئۆزى ئولتۇرۇش، بېشىنى ياخشى ھالدا تىكلەش، ئانىسىنىڭ قاچىسىدىن يېمەكلىك تۇتۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇش، قورسىقى ئاچمىغان ۋاقىتتا بېشىنى بۇرىۋىلىپ، يېمەكلىك يىيىشنى رەت قىلىش دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئەگەر بوۋاق، ھەمىشە ئانا سۈتى ئىمىپ بولغاندىن كېيىن، يەنىلا قورسىقى ئاچقانلىقنى ئىپادىلىسە، بۇ ۋاقىتتا بوۋاققا مۇۋاپىق تۈردە قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلىساق بولىدۇ.
ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان كۆپ قىسىم بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئادەتتە ئالتە ئايلىق بولغاندىن باشلاپ قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزسەك بولىدۇ. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى تۆمۈر زاپىسى كېمىيىشكە باشلايدىغان بولغاچقا، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلاشتىكى بىرىنچى تاللاش، تۆمۈر تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەردۇر. نۆۋەتتە، بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك يىگۈزۈشتە، گۆش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەردىن باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ چۈنكى، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بولسا، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشى كىلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
قىسقىسى، بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ يىگۈزۈشتە، ۋاقتىدا، ئىلمىي ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك. بۇنىڭدا، بوۋاقنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
