نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ياكى ئارام ئېلىش ئادىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈردە ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرماقچى بولىدۇ.
شۇنداق، بەزىبىر يېمەكلىكلەر، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈردە ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرالايدۇ. ئامىرىكا ئاياللار كىسەللىكى ئىلمى جەمئىيىتى، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
بانان
بانان تەركىبىدە كالىي ماددىسى ۋە ۋىيتامىنB6 ماددىسى مول، شۇڭا كۆپىيىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولىدۇ. بانان ئىسپىرما ۋە تۇخۇمنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە كۆپىيىش ھورمۇنىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىغا يىتەلەيدۇ.

پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەردە ئاقسىل ۋە تۈمۈر ماددىسى مول، بۇندىن باشقا يەنە لېتسېتىن ۋە دادۇر ئىزوفلاۋۇنى بار؛ لېستسېتىن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدۇ، دادۇر ئىزوفلاۋۇنى بولسا، ئانىلىق ھورمۇن رولىغا ئىگە كىلىدۇ، ئەمما ئانىلىق ھورمۇننىڭكىدەك ئەكىس تەسىرى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، دادۇر ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ھەۋىسىنى ئاشۇرالايدۇ.

مۇرەككەپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرى
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى سەۋيىدىكى ئىنسۇلىن، تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەپ قويىدىكەن. ئادەتتە، ئادەم بەدىنى ناچار سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى تىز سۈرئەتتە ھەزىم قىلىدۇ ۋە قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىدۇ؛ لېكىن، ئەلا سۈپەتلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرى(مۇرەككەپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرى) ناھايىتى ئاستا ھەزىم قىلىنىدىغان بولۇپ، سۈمۈرۈلۈش ۋە قويۇپ بىرىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ ھەمدە تەدرىجى ھالدا قاندىكى قەنت مىقدارى سەۋيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ. مەسىلەن، كۆپ قىسىم مىۋە-كۆكتاتلار.
يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار
يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى ۋە Bئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلار مول؛ ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ماددىلار تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشىلىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ئاشۇرالايدۇ. مەسىلەن، پالەك، ئۇزۇن يۇپۇرماقلىق ئوسۇڭ، چىچەكسەي ۋە باشقا يىشىل يۇپۇرماقلىق قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار.

شىرنىلىك مىۋىلەر
شىرنىلىك مىۋىلەر تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇمنى زەخمىلىنىشكە ئۇچراشتىن ۋە قېرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.
ياڭيۇ
ياڭيۇ، ۋىيتامىنCنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. بۇندىن باشقا، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ياڭيۇ، سېرىق تەن دەۋرى كەمتۈكلىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالىيالايدىكەن. سېرىق تەن مەزگىلى كەمتۈكلۈكى دىگىنىمىز بولسا، تۇخۇمداننىڭ ھامىلدارلىق ھورمۇنى قويۇپ بىرىش يىتەرلىك بولماي، ھامىلدار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
كاۋا ئۇرۇغى
كاۋا ئۇرۇغى تەركىبىدە غەيرى گىموگلوبىنلىق تۆمۈر ماددىسى مول. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بۇ خىل تۆمۈر ماددىسى تەركىبى بولغان يىمەكلىكلەرنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بىرىدىغان ئاياللارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈردە ھامىلدار بولۇش نىسبىتى، ئىستىمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا %40 يۇقىرى بولىدىكەن.
فولىن كىسلاتاسى
ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرىۋاتقان ئەر-خوتۇنلار، فولىن كىسلاتا تابلىتكىسى، تۇغۇت ئالدىدا ئىشلىتىلىدىغان ۋىيتامىن تابلىتكىسى قاتارلىقلارنى ئىچىپ بەرسە ۋە فولىن كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىققا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە ھەركۈنى 600-400مىللىگىرام فولىن كىسلاتا قوبۇل قىلسا، قوساقتىكى ھامىيلىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭدا كەمتۈكلۈك كۆرىلىپ قېلىش خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ.
يۇقارقى يىمەكلىكلەرنى، ھامىلدار ئاياللار يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئاساسىدا، مەقسەتلىك ھالدا تۇلۇقلا ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.