سىزدىكى بۇ ئۈچ خىل ئىنكاس، ھامىلدار بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15464:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدار بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىش، بەزىدە تەلەيگىمۇ باغلىق بولۇپ، ھېچقانداق ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ بەزىدە تۇيۇقسىزلا ھامىلدار بولۇپ قالىسىز، يەنە بەزىدە ھەرقانچە تىرىشسىڭىزمۇ ھامىلدار بولالمايسىز. تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق مىساللار بەك كۆپ بولۇپ، ھەر خىل قىيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىنمۇ يەنىلا ھامىلدار بولالمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ.
   ھامىلدار بولۇش، ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بەزىدە، نۇرغۇنلىغان شارائىتلارنى بىرلا ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرگەندە ئاندىن رىئاللىققا ئايلىنىدۇ؛ مەسىلەن، سىپىرما بىلەن تۇخۇم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بىرىكىشى، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بويلاپ بالىياتقۇغا كىلىشى ھەمدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بالىياتقۇغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىشى كېرەك. تەسەۋۋۇرقىلماق تەسمىكەن؟ سىز بەلكىم بالىنىڭ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچىۋالا جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
   ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشىغا قانچە كۈن كىتىدۇ؟
   ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقتىن ئۇزۇقلۇق ۋە ئوكسېگىن قوبۇل قىلىپ، ئۆزلۈكسىز تۈردە ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تەدرىجى ھالدا بالىياتقۇ بوشلۇقى تەرەپكە يۆتكىلىپ، 4-3كۈندىن كىيىن بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يىتىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئاللىبۇرۇنلا كۆپ ھۈجەيرىلىك ھەقىقى تەنگە ئايلىنىپ بولغان بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتىكى شەكلى ئۈجمىگە ئوخشايدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۈجمە تۆرەلمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈجمە تۆرەلمە بالىياتقۇ بوشلۇقىدا ئۆزلۈكسىز تۈردە ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئېلىپ بېرىپ، تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇرۇقلىنىپ تەخمىنەن 8-6كۈندىن كىيىن، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كىرىدۇ؛ ئادەتتە بۇ جەريان بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.
   ھامىلدار بولغاندا، ئايال كىشى گەرچە ئۆزى ئىتتىكلا ھىس قىلىپ يىتەلمىسىمۇ، ئەمما بەدەندە يەنىلا بەزىبىر شەكىللەردە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
كۆكسى يۇمشاپ كىتىدۇ
   ئاياللاردا ھامىلدار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنى زور مىقداردا ھورمۇن ۋە گورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا ئايال كىشىنىڭ كۆكسىدە سانجىلىپ ئاغىرش كۆرىلىدۇ ھەمدە تېخىمۇ يۇمشاق بولۇپ كىتىدۇ. بىراق، ھامىلدارلىق ھەپتىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئايال كىشىنىڭ بەدىنى بۇ خىل ھورمۇن ئۆزگىرىشىگە ماسلاشقاندىن كىيىن، كۆكسىدىكى بىئاراملىق تۇيغۇسى يوقىلىدۇ.
چارچاش ھىس قىلىش
   ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىچكى ئاجرالما سېستىمىسىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، بەدىنىدە زور مىقداردا كىنانتولون ئاجىرىلىپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئايال كىشىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى بوۋاق ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدە سەرپ بولىدىغان ئىنىرگىيە تەبىئىيلە كۆپىيىپ كىتىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ھارغىنلىق تۇيغۇسى كۆرىلىدۇ.
بالىياتقۇغا چۈشكەندە قان كۆرۈلۈش
   بۇ ئەھۋال، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا چۈشكەندىن كىيىن، ئاز بىر قىسىم ئاياللاردانىڭ سىرتقى جىنسىي يولىدا، قىزىل رەڭلىك ياكى قىزغۇچ رەڭلىك قان ئىزلىرى كۆرىلىدۇ. بۇ خىل ئالامەت ھەممىلا ھامىلدار ئايالدا كۆرۈلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ، ھامىلدار بولۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامىتى ئەمەس. ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا چۈشۈشى، تۇخۇم ئۇرۇقلىنىپ تەخمىنەن 6كۈندىن كىيىن كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قىسىم ئاياللاردا كۆرۈنەرلىك ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى داۋالاش كەتمەيدۇ، ئەمما تازىلىققا دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا تۆرەلمىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号