ھامىلدارلىقتا فولىن كىسلاتاسى يەۋەرمەي بۇ يىمەكلىكلەرنى يەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كىتىپ، ئاسانلا كىسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىتەرلىك دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش كىرەك، بۇنىڭدا ئاندىن ھامىلدار ئايال ۋە ئۇنىڭ قوسىقىدىكى بالىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە، ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر نەچچە خىل يىمەكلىكنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
قۇرۇق ئۈزۈم
   قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھامىيلىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار؛ ھامىلدار ئايال قۇرۇق ئۈزۈمنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھامىيلىنىڭ قارىغا مايىل تىرە رەڭگىنى ياخشىلايدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، خۇاڭدەننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بالىنىڭ تېخىمۇ ئاق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
غاز تۇخۇمى
    ھامىلدار ئايال تۇغۇشتىن ئىلگىرى، ھامىيلە زەھىرىنى يوقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، بالىنىڭ تىرىسىدا ئاسانلا دانىخورەك، تەمرەتكە قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ھامىلدار ئايال غاز تۇخۇمى يەپ بەرسە، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە غاز تۇخۇمى يەپ بەرسە، ھامىيلە زەھىرىنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ئەنجۈر
    ھامىلدار ئايالنىڭ چىشى، يۇقىرى قەنت تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن؛ بىراق، ئەنجۈر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىي، فوسفور، كالتسىي قاتارلىقلار، ھامىلدار ئايالنىڭ چىشىغا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ھامىيلىنىڭ چىشىنىڭ شەكىللىنىشىدىكىمۇ ھالىقىلىق مەسىلە ھىسابلىنىدۇ.
ئارىسىغا ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان
   چىلان، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ قۇۋۋەتلەيدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ ئۇ يەنە ھامىلدار ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل يىمەكلىك. چىلاننى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇندىن باشقا، ياڭاقنىڭمۇ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىر كىلوگىرام ياڭاق تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق، بەش كىلوگىرام تۇخۇم ياكى توققۇز كىلوگىرام كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇققا تەڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئايال ھەر كۈنى ئازراقتىن ئارىسىغا ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان يەپ بەرسە، بالىسى تېخىمۇ ئەقىللىق تۇغۇلىدۇ.
پالەك
   پالەك، ھامىلدار ئاياللار چوقۇم ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك يىمەكلىكنىڭ بىرى؛ چۈنكى، ئۇنىڭ تەركىبىدە فولىن كىسلاتاسى ئىنتايىن مول. فولىن كىسلاتاسىنىڭ ئەڭ چوڭ رولى، ھامىيلىدە مىڭىسىگە سۇ چۈشۈش، ئۇمۇرتقا يېرىلىش، نىرۋا سېستىمىسى غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا، پالەكنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشنى ياكى فولىن كىسلاتاسى ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号