بالىلار چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىدىكى ئالتۇن مەزگىلنى چىڭ تۇتۇڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7855:ئادەم ئۆگەندى
   ئىرسىيەتنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ؛ مەسىلەن، ئىلمى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە نىسبەتەن، ئىرسىيەتنىڭ تەسىرى 70پىرسەنتنى، كىيىنكى مەزگىللىك تەسىرلەر 30پىرسەنتى ئىگىلەيدىكەن. بىراق، گەرچە ئىرسىيەت ئامىلى 70پىرسەنتنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما بۇ، 30پىرسەنتنى ئىگىلىگەن كىيىنكى مەزگىللىك ئامىللارنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
   ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ تۇغۇلما تالانتىغا ۋە ئىرسىيەت ئالغان ئالاھىدىلىكلىرىگە قارايدۇ. بىراق بالىلارنىڭ تۇغۇلما تالانتى،راستىنلا گېن ئىرسىيەت تەرپىدىن بەلگىلىنەمدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا قاراش. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كىيىنكى مەزگىللىك تەربىيە، بالىلارنىڭ تالانتىنى يىتىلدۈرۈشتە ھەل قىلغۇچلۇق مۇھىم رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن.
    ئەگەر سىز بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇنى يىتەكلەۋاتقىنىنى ئاسانلا بايقايسىز. سىز خۇشال بولغان ۋاقىتتا، بالىڭىزمۇ خۇشال بولىدۇ؛ سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا، بالىڭىزنىڭ كۆڭلىمۇ يېرىم بولىدۇ؛ سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغرۇرلانغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ؛ سىز ئۇنى تەنقىدلىگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنى كۆڭلى يېرىم بولۇپ بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئىزچىل تۈردە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتى ئالدىدا ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە بەكرەك دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ بۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار يەنە پەرزەنتى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىشى كىرەك، بۇ سىزگە ھەم بالىڭىزغا نىسبەتەن ئوخشاشلا بىر ياخشى ئىش. بولۇپمۇ بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يىتىلىپ بولغان ھەمدە بەلگىلىك تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە ئىنكاس ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالىسىغا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىنى ۋە تۇنۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك.
    ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋىتىش مەقسىتىگە يىتىش كىرەك؟
   1. ئاتا-ئانىلار بالىسىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىشى كىرەك؛
   2. بالىلار، بىخەتەر ھەم بىختەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بىر مۇھىتقا مۇھتاج؛
   3. بالىلار ئۆزىنى ئىھتىياجلىق بولۇنغاندەك، مىھرى-مۇھەببەتكە ئىرىشكەندەك، قىممىتى باردەك ھىس قىلىشقا مۇھتاج؛
   4. بالىلار تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ئەركىنلىك ۋە چەكلىمىگە مۇھتاج؛
   5. بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يىتەكلىشىگە مۇھتاج؛
   6. بالىلار تۇرغان مۇھىت ئەڭ ياخشىسى كۆپ خىل ھەم كۆپ رەڭلىك بولۇشى كىرەك؛ يەنى، ئويۇن، ئىزدىنىش، كىتاپ، مۇزىكا، تىل قاتارلىق ئىلمىنتلار كەم بولماسلىقى كىرەك.
    نىرىپ ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ 3ياشقىچە بولغان بۇ ئارىلىققا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ چۈنكى بۇ مەزگىلدە، ئىنسانلار چوڭ مىڭىسىنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرغان بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاق مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىدىن باشقا، بۇ مەزگىلدە يەنى تەپەككۇر ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىدۇ؛ بۇ دەل بالىلارنىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلۈك يادلاش ئىقتىدارىنىڭ قورامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ 3-0ياش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن مۇھىتى، بالىسىنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا، بالىلارغا ئۇلارنىڭنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق بىر خىل مۇھىت يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ؟
    ئادەتتە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىلىق مۇھىت، تۆۋەندىكى نەچچە نوقتىنى قانائەتلەندۈرىدۇ:
    1. يىمەك-ئىچمىكى تەڭپۇڭ بولغان ھەم ئۇزۇقلۇق تەركىبىگە كاپالەتلىك قىلىنغان؛
    2. بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ئائىلە مۇھىتى؛
    3. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىللىقلىقى، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۈش؛
    4. خۇشال ھالدا ئويناش ۋاقتى؛
    5. ياخشى كىتاپ، ئىزدىنىشكە ماس كىلىدىغان مۇھىت.
    يۇقارقى ئاساسلىق شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرسە، ئىشىنىمەنكى، بالىلار خۇشال ھەم ساغلام ھالدا چوڭ بولىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ مۇنەۋۋەر ئادەم بولىدۇ.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号