مىنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئوغلى دىگەندەك ئەقىللىق ئەمەس بولۇپ، دوستۇم دەسلىۋىدە مەن خاتا پەرەز قىلغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان؛ بىراق نەچچە كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر ئىش، ئۇنىڭ خىيالىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئوغلى بىلەن بىللە ئويۇن ئويناۋىتىپ، ئوغلىدىن 3-6+5نەچچىگە تەڭ بولىدۇ دەپ سورىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئوغلى تىلىنى چايناپ، مۇشۇ ئاددى بىر سۇئالغىمۇ جاۋاپ بىرەلمىگەن. دوستۇمنىڭ ئىچى قاتتىق پۇشۇپ، ئوغلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بىر بالا تەربىيەلەش مۇتەخەسسىسى تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەت ئالغان. ئۇزۇن ۋاقىت پىكىرلىشىش ئارقىلىق، دوستۇم ئاخىرى، ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يامان ئادىتىنىڭ، ئوغلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قايسى خىل ناچار ئادەتلىرى، بالىسىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ؟

بالىلارغا پاسسىپ كۆرسەتمە بىرىش
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالا تەربىيلەش جەريانىدا، بالىسىغا بەزىبىر پاسسىپ كۆرسەتمىلەرنى بىرىدۇ؛ مەسىلەن، بالىسى مەلۇم بىر ئىشنى خاتا قىلىپ سالسا، ئاتا-ئانىسى "سەن بەك دۆتكەنسەن" ياكى "مۇشۇ ئىشنىمۇ قىلالمىساڭ، چوڭ بولغاندا نىمىمۇ قىلالايسەن؟" دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ بالىسنى ئەيىبلەيدۇ. بىراق، بۇ خىل ئەيىبلەش، بالىنىڭ ئۆزىنى ھېچنىمە قىلالمايدىغاندەك ھىس قىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالا بارغانسىرى دۆت بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا بۇ خىلدىكى پاسسىپ كۆرسەتمىلەرنى بىرىشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا يەنە بەزىبىر ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بەرسە، بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ.

بالىسى كەچتە ۋاقتىدا ئۇخلىمىسا كارى بولماسلىق
ھازىرقى جەمئىيەتتە، ياشلار كىچىلىرى ئۇخلىمايدىغان ياكى ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا بەزىبىر كىچىك بالىلارمۇ كىچىسى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىمايدۇ؛ سەۋەبى بولسا، ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئويناشتۇر. ئاتا-ئانىلار بالىسىدا بۇ خىل يۈزلىنىش بارلىقىنى بايقىغان ھامان، ئۇلارنى ۋاقتىدا چەكلىشى كىرەك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەمىشە كىچىلىرى ئۇخلىمايدىغان كىشىلەرنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارى بارغانسىرى چىكىنىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ھەرقانچە ئەقىللىق بالىلارمۇ دۆتلىشىپ كىتىدۇ.

بالىلارنى بەك تويۇندۇرۇپ تاماقلاندۇرۇش
يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ناھايىتى تويۇندۇرۇپ تاماقلاندۇرىدۇ. بەزىدە، بالىلارنىڭ قوسىقى تويۇپ يىيەلمەي قالسىمۇ، ئاتا-ئانىسى يەنە ئۇلارنى بەزلەپ ئالدىدىكى تاماقنى يەپ بولۇشقا ئۈندەيدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن خاتا بولۇپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ دۆتلىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ئەگەر بالىنى بەك تويۇندۇرۇپ تاماقلاندۇرۋەتسەك، ئۇلار ھەرىكەت قىلىشقا ئىرىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭمۇ "ھۇرۇنلۇقى" تۇتۇپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرۇشىغا ئەگىشىپ، مىڭە ھۈجەيرىلىرنىڭ ئىقتىدارلىرىدا چىكىنىش كۆرۈلۈپ، بالا بارغانسىرى دۆتلىشىپ كىتىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ نوقتىنى، كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار سادىر قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىزلەرنىڭ بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن، خاتا قاراشلىرىڭىزنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، بالىڭىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن.