تۇغۇتتىن كىيىن بىراقلا قېرىپ كىتىشنىڭ ئۈچ خىل ئالامىتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5807:قېتىم كورۇلدى
     ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەركۈنى ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار، تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش خوش ياقمايدىغان، چاچلىرى پاخپاق، كىيىملىرى رەتسىز يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ناھايىتى تىزلا چىرايىغا قورۇق ۋە داغ چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئەمىلىيەتتە، تۇغۇتتىن كىيىن بىراقلا نەچچە ياش قېرىپ كىتىدىغان ئەھۋال، كۆپ قىسىم ئاياللار باشتىن كەچۈرگەن ھەم كەچۈرىدىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل تىپىك ئالامەتلىرى بار بولىدۇ.
چاچ چۈشۈش
    نۇرغۇن ئاياللار تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئۇلاردا ئېغىر چاچ چۈشۈش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى چاچ تارىغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان چاچلىرى تاغاق بىلەن بىللە قولىغا چىقىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك چاچ سىزىقچىلىرى بارغانسىرى يۇقىرىغا قاراپ يۆتكىلىدۇ. تۇغۇتتىن كىيىن چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى بولسا، بىر تەرەپتىن ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىكى بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئانىلارنىڭ بالا بېقىپ ئۆي تۇتۇش سەۋەبىدىن زىيادە چارچاپ كىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
سەمىرىپ كىتىش
   كۆپ قىسىم ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ھەممىسىنىڭ بەدەن شەكلى ئۇرۇق كىلىدۇ، ھەرقانداق كىيىم كەيسە ئوخشاشلا يارىشىدۇ. بىراق، تۇغۇتتىن كىيىن ئۇلار بىلىپ بىلمەي سەمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى كىيىملىرى ئاساسى جەھەتتىن كىچىك كىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنداق ئەھۋالدا ئايال كىشى قارىماققا قېرىپ كەتكەندەك كۆرىنىدىغان بولۇپ، تۇغۇتتىن كىيىن ئۇرۇقلاشمۇ، ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. چۈنكى، ئانا بولغۇچى بالىسىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، ئۇلار ۋاقىت ئاز بولۇش ۋە چارچاش سەۋەبىدىن، ئۇرۇقلاشقا كۆپ زىھنىنى سەرپ قىلىپ بولالمايدۇ.
تىرىلىرىگە داغ چۈشۈش
    ئاياللار تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ تىرىسىنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىكىگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، داغ، دانىخورەك، تىرە رەڭگى ئۆڭۈش، تىرە بوشىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا نەچچە ياش چوڭ كۆرىنىدۇ. بۇنىڭدىكى چوڭ بىر قىسىم سەۋەپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن مىقدارىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، ئىچكى ئاجرالمىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، تۇغۇتتىن كىيىنكى ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن ئۈچ ئاي ئىچىدىكى تىرىسىنى ئاسراشنى ياخشى قىلىشى، بۇ مەزگىلدە تىرىسىگە يىتەرلىك مىقداردا سۇ تەركىبى ۋە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号